UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىمۈڭگۈزلۈك كەركىدانقۇش

مۈڭگۈزلۈك كەركىدانقۇش

ھايۋاناتلار دۇنياسى قوش مۈڭگۈزلۈك كەركىدانقۇشنىڭ تۇرقى غەلىتە، تېنى غايەت چوڭ، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى2 .1 مېتىر. پۈتۈن تېنى قارا پەيلەر بىلەن قاپلانغان (ئارىلاپ ئاق پەيلىرى بار)، تۇمشۇقى ناھايىتى چوڭ، ئۇزۇنلۇقى30 سانتىمېتىر چىقىدۇ؛ بېشىغا تۇغما «پولات قالپاق» كىيىۋالغان بولۇپ، خۇددى كەركىداننىڭ مۈڭگۈزىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا كەركىدانقۇش دەپ نام ئالغان. باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇنىڭدا يەنە ئۇزۇن كىرپىك تۈكلىرى بولغان كۆز قاپىقى بولىدۇ. ھەر يىلى3 - ئايدا كەركىدانقۇش كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەركەك، چىشى كەركىدانقۇشلار جۈپ - جۈپ بولۇشۇپ، كامارلىرى بار چوڭ دەرەخلەرنى تاللاپ، كامارغا ئورتاقلىشىپ ئۇۋا سالىدۇ. چىشى قۇش ئۇۋىغا2 −3 دانە تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى ئۆڭكۈر ئىچىدىكى چىرىگەن ياغاچ ئۇۋاقلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كامار ئاغزىنى ئىچىدىن توسۇۋالىدۇ. ئەركەك قۇش كامار سىرتىدا تۇرۇپ لاي، مېۋە قالدۇقلىرى بىلەن كامار ئاغزىنى سىرتىدىن چاپلاپ مۇستەھكەملەيدۇ ھەمدە چىشى قۇشقا تۇمشۇقىنى چىقىرىپ ئەركەك قۇش بەرگەن يېمەكلىكنى قوبۇل قىلىدىغان ناھايىتى تار بىر يوچۇق قالدۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ يېڭى توي قىلغان چىشى قۇش ئۆزىنى كامار ئىچىگە سولىۋېلىپ، تۇخۇم باسۇرىدۇ، چۈجىلىرىنى باقىدۇ، ئۇلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئەركەك قۇش ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، ئۆڭكۈر ئىچىدىكى چىشى قۇش ئۆز ھەمراھىنىڭ ھەر خىل ئاۋازلىرىنى، مەسىلەن، سايراش ئاۋازى، ئۇچقاندىكى ئاۋازى، دەرەخقە قونغاندىكى ئاياغ ئاۋازى قاتارلىقلار بىلەن ناھايىتى تونۇشلۇق بولىدۇ. شۇڭا ئەركەك قۇش تۇمشۇقى بىلەن ياۋا مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى چىشلەپ كامار ئېغىزىدا پەيدا بولغاندا، چىشى قۇش كامار يوچۇقىدىن دەرھال تۇمشۇقىنى چىقىرىپ ئەركەك قۇش بەرگەن يېمەكلىكنى خۇشال - خۇراملىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. چۈجىلەر تۇخۇمدىن چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەركەك قۇشنىڭ يەم بىلەن بېقىش ۋەزىپىسى ئېغىرلىشىدۇ، لېكىن مۇھەببەتكە سادىق بولغان ئەركەك كەركىدانقۇش «خوتۇن - بالا» لىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاشقازان دىۋارىنىڭ ئەڭ ئىچكى قەۋىتىدىكى پەردىسىنى رازىمەنلىك بىلەن قۇسۇپ چىقىرىپ بىر نېپىز خالتا شەكىللەندۈرۈپ، مېۋىلەرنى ساقلاپ قويىدۇ. بىرقانچە ئايدىن كېيىن چىشى قۇش ئىشىكنى بۇزۇپ سىرتقا چىقىپ، بالىلىرىنى بېقىش ئىشىغا قاتنىشىپ، ئەركەك قۇشنىڭ ئاساسلىق بېقىش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. قوش مۈڭگۈزلۈك كەركىدانقۇش ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق قۇش. دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى كەركىدانقۇشنىڭ ئۆز يۇرتى بولۇپ، ئۇ يەردە قوش مۈڭگۈزلۈك كەركىدانقۇشتىن باشقا يەنە ئالا تاجلىق كەركىدانقۇش، قوڭۇر بويۇن كەركىدانقۇش، ئاق بوغۇز كەركىدانقۇش قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى