ئوكاپى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئوكاپى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، پەقەت ئافرىقىدىكى زايىر (ھازىرقى كونگو) نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىرىغىلا تارقالغان. ئۇنىڭ ھەرىكىتى سىرلىق بولۇپ، گاھ پەيدا بولۇپ گاھ غايىب بولىدۇ، خىلۋەت چەت جايلاردا ياشايدۇ، ئۇ1900 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ،1901 - يىلى رەسمىي تۈردە ئوكاپى دەپ نام بېرىلگەن.
ئوكاپى ئاچا تۇياقلىق ھايۋانلارغا تەۋە، مۈرىسى ئېگىز، ساغرىسى تۆۋەن، پۇتلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن، تەن شەكلى زىراپىگە ئوخشايدۇ. مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن5 .1 −6 .1 مېتىر، تۇيىقىدىن مۈڭگۈزىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئېگىزلىكى2 مېتىردىن ئارتۇق، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى2 مېتىرئۆپچۆرىسىدە، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزنلۇقى45 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، ئېغىرلىقى200 كىلوگرامدىن ئارتۇق، ئەركىكىنىڭ تېنى چىشىسىنىڭكىگە قارىغاندا سەل كىچىك، كۆز چانىقىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە تېرىسى نېپىز، تۈك بىلەن قاپلانغان بىر جۈپ قىسقا مۈڭگۈزى بولىدۇ، چىشىسىدا مۈڭگۈز بولمايدۇ. يۇڭلىرى سۆسۈن قوڭۇر، بويۇن قىسمىنىڭ رەڭگى سەل سۇس، باش قىسمى ئاقۇچ كۈل رەڭ، ساغرىسى ۋە پۇتلىرىنىڭ ئۈستى يېرىم قىسمىدا سۆسۈن - قوڭۇر ئارىلاش توغرا يوللىرى بولىدۇ. ئۇ قورقۇنچاق، ئاڭلاش سېزىمى ئۆتكۈر، ئىنكاسى تېز، بىرەر شەپە ئاڭلاپ قالسىلا دەرھال قاچىدۇ. ئۇ كۈندۈزى كەمدىن - كەم كۆرۈنىدۇ، قويۇق ئورمان ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. تېنىدىكى قوغدىنىش رەڭگىنى ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنىڭ رەڭگى بىلەن ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى25 قەدەم ئارىلىقتىنمۇ بايقىيالمايدۇ.
ئوكاپى ئادەتتە توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەركەك - چىشىسى بىرلىكتە ئەتىگەن، ئاخشاملىرى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ئاساسەن ئىنچىكە شاخ، يۇمران يوپۇرماقلارنى يەيدۇ،بەزىدە مېۋە ۋە ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىنىمۇ يەيدۇ. چىشى ئوكاپىنىڭ بوغاز بولۇش مەزگىلى440 كۈن، كۆپىنچە8 ~10 - ئايلاردىكى يامغۇرلۇق پەسىلدە تۇغىدۇ. ئۆمرى ئومۇمەن15 ~20 يىل.