خامېلېئون
ھايۋاناتلار دۇنياسى
خامېلېئوندا بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىدار بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېنىنىڭ رەڭگىنى مۇھىت ئەھۋالىغا قاراپ تېزدىن ئۆزگەرتەلەيدۇ.
خامېلېئون تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدۇ، ئۇلار تىپىك دەرەختە ياشايدىغان يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ئىچىدىكى بىر توپ غەلىتە ھايۋان بولۇپ، تەخمىنەن50 تەك تۈرى بار، ھەممىسى ھاشاراتلارنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىپ ياشايدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە15 ~25 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە؛ تېنى ئوڭ - سول ئىككى يان بويىچە ياپىلاق ھەم قىسقا؛ بېشى بىرقەدەر چوڭ، بېشىنىڭ چوققىسىدا تاجسىمان ياكى دۇبۇلغىسىمان تېرە پۈرمىسى بولىدۇ؛ بەزى تۈرلىرىنىڭ بۇرۇن - تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا2 −3 مۈڭگۈزى بولىدۇ؛ پۈتۈن تېنىنى دانچىسىمان تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، دەرەخ شاخلىرىغا يۆگىشىۋالالايدۇ؛ تۆت پۇتى ئىنچىكە ئۇزۇن، پۇت بارماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، ئۇلار خۇددى ئامبۇرغا ئوخشاش دەرەخ شېخىنى مەھكەم تۇتۇۋالىدۇ.
خامېلېئون ئۈچ خىل قالتىس چارىگە ئىگە. بىرىنچى، رەڭگىنى مۇھىتقا قاراپ تېزدىن ئۆزگەرتەلەيدۇ. خامېلېئوننىڭ بۇ خىل كامالەتكە يەتكەن نىقابلىنىش تېخنىكىسىنىڭ بولۇشى تېنىدە نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ بولغانلىقىدا. سىرتقى مۇھىتنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، خامېلېئون تېنىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تېز سۈرئەتتە تەڭشەپ، تېنىنىڭ رەڭگىنى مۇھىتنىڭكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئۆزىنى يوشۇرۇپ دۈشمىنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى قالتىس ماھارىتى، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئىككى خىل ئىش قىلىدۇ، بۇ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئىچىدە كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال. خامېلېئوننىڭ ئىككى كۆزى يۇمىلاق، پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، سىرتىنى بىر كونۇس شەكىللىك تەڭگىچە قاپقاق يېپىپ تۇرغان بولۇپ، ئۈستىدىن بىر كىچىك تۆشۈك قالدۇرۇلۇپ، كۆز قارىچۇقى سىرتتا ئوچۇق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ - سول كۆزلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ، ھاشارات بايقالغان ھامان بىر كۆزى بىلەن ھاشاراتقا تىكىلىپ تۇرىدۇ، يەنە بىر كۆزى ئارقىغا قاراپ باشقا ئوۋغا تىكىلىپ تۇرىدۇ. ئۈچىنچى قالتىس ماھارىتى، ھاشارات بىلەن ئارىلىقى20 -30 سانتىمېتىر قالغاندا، نىشانغا پۈتۈن زىھنى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ، نىشاننى قارىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاغزىدىن ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، ئەمما ئۇچى توم تىلىنى چاقماق تېزلىكىدە چىقىرىپ، ھاشاراتقا دەل تەگكۈزۈپ، يېپىشتۇرۇۋېلىپ، ئاغزىغا تارتىپ كىرگۈزىدۇ، ئاندىن تىلىنى بىر يۆگەپلا يۇتىدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.