UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسوقۇشقاق بېلىق

سوقۇشقاق بېلىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى سوقۇشقاق بېلىق (ماكروپودۇس بېلىقى) ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى دەريالاردا ياشايدۇ. تېنىنىڭ شەكلى موكىغا ئوخشايدۇ، ئۇزۇنلۇقى7 −8 سانتىمېتىر، پۈتۈن تېنى سۇس يېشىل،12 تال قارا رەڭلىك داغ سىزىقلىرى بولىدۇ، ئۇزۇن قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى ۋە ساغرا ئۈزگۈچىسى رەڭلىك لېنتىغا ئوخشايدۇ، دۈمبە ئۈزگۈچىسى ئوچۇق قىزىل بولۇپ، خۇددى جەڭ كىيىمى يېپىنىۋالغاندەك، ھەر دائىم كۈچ سىنىشىشقا تەييارلىنىۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدا ئۇنى «گۈللۈك قولياغلىق» دەپ ئاتايدۇ. ئەركەك سوقۇشقاق بېلىق سوقۇشقاقلىقتا داڭقا چىقارغان. ئىككى تال ئەركەك بېلىق بىر يەرگە كېلىپ قالسا، ھەر ئىككى تەرەپ بىر مەيدان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدۇ. جەڭنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بېلىقنىڭ رەڭگى تەدرىجىي تۈردە قېنىقلىشىدۇ، ئالدى بىلەن سۇس يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ، ئاندىن قىزىلغا سۆسۈن ئارىلىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا قارا كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ ھەمدە كۆزنى چاقناتقۇدەك پارقىرايدۇ. مۇبادا مەغلۇپ بولسا، مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ رەڭگى تۇتۇقلىشىپ كېتىدۇ - دە، بەدەر قېچىپ كېتىدۇ. ئەركەك سوقۇشقاق بېلىق جەڭ مەيدانىدا گەرچە ۋەھشىي ھەم جاھىل بولسىمۇ، ئادەتتە باغرى يۇمشاق، بولۇپمۇ مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە باغرى تېخىمۇ يۇمشاقلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ رەڭگى ئوچۇق چىرايلىق تون كىيىۋېلىپ، دەريادا لەرزان ئۈزۈپ، ئۆزىگە «ئامراق جورا» ئىزدەيدۇ. يەنە تېخى ئاغزىدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە شىلىمشىق كۆپۈكچىلەرنى قۇسۇپ چىقىرىپ، سۇ يۈسۈنلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى ئاستىدا «لەيلىمە ئۇۋا» ياسايدۇ. چىشى سوقۇشقاق بېلىق پۈتۈن تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلىدە تەخمىنەن100 ~300 تال تۇخۇم تۇغىدۇ. چىشى بېلىق ئۆز تۇخۇمىنى يەۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئەركەك بېلىق چىشى بېلىقنى قوغلىۋېتىدۇ. ئەركەك بېلىق گەرچە سوقۇشقاق بولسىمۇ، لېكىن ئەۋلادلىرىنى ئىنتايىن ئاسرايدۇ. بېلىجان تۇخۇمدىن چىقىش مەزگىلىدە ئەركەك بېلىق ئۇۋا يېنىدا كېچە - كۈندۈز قوغدايدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز كۆپۈك پۈۋلەپ چىقىرىپ لەيلىمە ئۇۋىسىنى ياساپ تۇرىدۇ، تۇخۇم ياكى تۇخۇمدىن يېڭى چىققان بېلىجان ئۇۋىدىن چۈشۈپ كېتىپ قالسا، ئەركەك بېلىق ئاغزىغا ئېلىۋېلىپ، ئۇۋىسىغا ئاپىرىپ سېلىپ قويىدۇ. سوقۇشقاق بېلىق ھاشارات تۇتۇش ماھىرى. سۇدىكى قۇرتلار، سۇ يۈزىدە ئۇچۇپ يۈرىدىغان پاشا، چىۋىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۇتۇپ يېيىش ئوبيېكتى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى