UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىدېڭىز ئادەمگىياھى

دېڭىز ئادەمگىياھى

ھايۋاناتلار دۇنياسى دېڭىز ئادەمگىياھى (دېڭىز تەرخەمىكى) تېيىز دېڭىزنىڭ تېگىدە ياشايدىغان بىر خىل تىكەن تېرىلىك ھايۋان بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، شۇڭا دېڭىز ئادەمگىياھى دەپ نام ئالغان. لېكىن، تاماق ئۈستىلىگە چىقىدىغان شۇنچە مەززىلىك تائامنىڭ ياشىمىقىنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىسۇن؟ دېڭىز ئادەمگىياھىنىڭ سىلىندىر شەكىللىك تېنى گۆشلۈك تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، شەكلى تەرخەمەككە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يۇمشاق تېنىدە كۈچلۈك مۇداپىئەلىنىش قورالى بولمايدۇ، تېز سۈرئەتتە سۇ ئۈزۈش ماھارىتىمۇ بولمايدۇ. تېنىنىڭ قورساق تەرىپىدىكى نەيچە پۇتى ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ئاستا ھەرىكەت قىلىدۇ، دۈشمىنىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ئۇ غەلىتە تۇرقى بىلەنمۇ قارشى تەرەپنى ئاز - تولا قورقۇتالايدۇ، ئۇ تاش قىسىلچاقلىرىغا كىرىۋېلىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن ئاجىز ھەم ئىقتىدارسىز بولغانلىقتىن يەنىلا باشقا دېڭىز - ئوكيان ھايۋانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلالىشى تەس. ئەمما، دېڭىز ئادەمگىياھىنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان ئەپچىل چارىسى بار. دېڭىز ئادەمگىياھى دۈشمىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قۇتۇلۇشقا ئامال قىلالمىسا «بەدىنىنى بۆلۈۋېتىش ئويۇنى» نى ئويناپ، تېنىنى جىددىي قىسقارتىش ئارقىلىق ئىچكى ئەزالىرىنى مەقئىتىدىن (چىقىرىش تۆشۈكىدىن) تېز سۈرئەتتە دۈشمىنىگە ئېتىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋېتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاچىدۇ. بەزى دېڭىز ئادەمگىياھلىرى مەقئىتىدىن زەھەرلىك ماددا قويۇپ بېرىپ پاراكەندە قىلغۇچىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ، دۈشمىنى شۇنىڭ بىلەن زىيان - زەخمەتكە ئۇچراپ، ئامالسىز تىكىۋېتىدۇ. ئىچكى ئەزالىرىدىن مەھرۇم قالغان دېڭىز ئادەمگىياھى بىرقانچە ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن، تېنىدە قايتىدىن يېڭى ئەزالار ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئەگەر دېڭىز ئادەمگىياھىنى ئىككى پارچە قىلىپ، دېڭىزغا قويۇپ بەرسە، بىرنەچچە ئايدىن كېيىن قۇيرۇقى ۋە بېشىدىن ئىبارەت ھەربىر پارچىسىدىن يېڭى ئادەمگىياھ ئۆسۈپ چىقىدۇ. دېڭىز ئادەمگىياھىدا مۇشۇ خىل «پېچكىنى بېرىپ، گەردىنى ساقلاپ قېلىش» تىن ئىبارەت يۈكسەك ماھارىتى بولغاچقا، دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. دېڭىز ئادەمگىياھى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر. ئۇلار ئادەتتە سوغۇق سۇدا ياشايدۇ، ئەگەر سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃20 تىن ئېشىپ كەتسە، دېڭىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرراق يېرىگە كۆچۈپ بېرىپ، تاشلارنىڭ ئارىسىدا يېمەي، ھەرىكەت قىلماي يېتىۋېلىپ يازلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ، كۈزدە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى سوۋۇغاندا ئويغىنىپ تېيىز سۇ تەرەپكە ئۆمىلەپ چىقىدۇ. دېڭىز ئادەمگىياھىنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى زەھەرلىك بولۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. دۆلىتىمىزدە چىقىدىغان داڭلىقلىرى تىكەنلىك دېڭىز ئادەمگىياھى بىلەن چىپار دېڭىز ئادەمگىياھى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
دېڭىز ئادەمگىياھى | UyghurWiki | UyghurWiki