UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىبامبۇك بوغۇم قۇرتى

بامبۇك بوغۇم قۇرتى

ھايۋاناتلار دۇنياسى بامبۇك بوغۇم قۇرتى ئاتاقلىق نىقابلىنىش ئۇستىسى بولۇپ، ئۇ دەرەخ شېخى ياكى بامبۇك شېخىدا ئارام ئالغاندا، خۇددى قۇرۇپ قالغان شاخ ياكى قۇرۇپ قالغان بامبۇكقا ئوخشاپ قالىدۇ، پەرق ئېتىش ناھايىتى قىيىن. بامبۇك بوغۇم قۇرتىنىڭ بۇ خىل يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىدىغان ماھارىتى بىئولوگىيىدە تۈسداشلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى بامبۇك بوغۇم قۇرتى چۆچۈگەندە يەرگە چۈشۈپ كەتسە، مىدىر قىلماي يېتىۋېلىپ يالغاندىن ئۆلۈۋالىدۇ. بامبۇك بوغۇم قۇرتىنىڭ ھەرىكىتى ئاستا، كۈندۈزى دەرەخ شېخىدا جىم ياتىدۇ، كەچتە چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ، يوپۇرماق يەپ قورساق تويغۇزىدۇ. ئۇنىڭ كۆپىيىشىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە، ئادەتتە چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن تۇخۇمىنى دەرەخ شېخىغا بىر - بىرلەپ تۇغىدۇ، تۇخۇمى1 −2 يىلنى ئۆتكۈزۈپ تۇخۇمدىن چىقىپ ئاندىن لىچىنكىغا ئايلىنىدۇ. بەزى چىشى قۇرتلار چېتىشماي تۇرۇپمۇ تۇخۇم تۇغۇپ ئاتىسى يوق ئەۋلادلارنى تۇغىدۇ، بۇ خىل كۆپىيىش ئۇسۇلى ئاتىلىقسىز كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. بامبۇك بوغۇم قۇرتى چالا ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات بولۇپ، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان لىچىنكىسى يېتىلگەن قۇرت بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە كېچىلىرى دەرەخقە ئۆمىلەپ چىقىپ، بىرقانچە قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن، تەدرىجىي چوڭىيىپ يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئادەتتە ئاران3 ~6 ئايغىچە ياشايدۇ. بامبۇك بوغۇم قۇرتى ئاساسەن تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارقىلىدۇ، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن20 دىن ئارتۇق تۈرى بار بولۇپ، ئورمانلىقتا ياكى بامبۇكزارلىقتا ياشايدۇ. ئۇلار ئورمانلىقتىكى زىيانداش ھاشاراتلاردۇر، بەزى تۈرلىرى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگىمۇ زىيان سالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
بامبۇك بوغۇم قۇرتى | UyghurWiki | UyghurWiki