ئىنچىكە بەل ھەرە
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئىنچىكە بەل ھەرە تېنى كىچىك، پارازىت خاراكتېرلىك ھەرە بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران1 ~3 مىللىمېتىر، پارازىت ئىگىسىنىڭ تەن سۇيۇقلۇقىنى شوراپ ياشايدۇ.
ئىنچىكە بەل ھەرە تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات بولۇپ، تۇخۇمى، لىچىنكىسى، قورچىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پارازىت ئىگىسىنىڭ تېنىدىن ئايرىلمايدۇ. چىشى ھەرىنىڭ ئۇرچۇق شەكىللىك قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر خەنجەرسىمان تۇخۇم تۇغۇش ئاپپاراتى بولىدۇ، ئۇ ئادەتتە قورساق قىسمىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، پەقەت پارازىت ئىگىسىنى چېقىپ ئۆلتۈرۈشتە ۋە تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتىدىلا چىقىرىدۇ. چىشى ھەرە تۇخۇم تۇغۇشتىن بۇرۇن بالىلىرىغا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تەييارلاپ قويىدۇ، ئۇ، ئوزۇقلۇقنى يېڭى پېتىچە ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۇخۇم تۇغۇش ئاپپاراتى بىلەن پارازىت ئىگىسى لىچىنكىسىنىڭ تېنىگە بىر خىل بىھوش قىلغۇچى ماددىنى سانجىپ كىرگۈزۈپ، پارازىت ئىگىسىنى ئۆلتۈرمەي بىھوش ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇۋاپىق ئورۇن تاللاپ تۇخۇمىنى پارازىت ئىگىسىنىڭ تەن دىۋارىغا تۇغىدۇ. تۇخۇم شاكىلى ناھايىتى تېز يېرىلىپ لىچىنكىلىرى تۇخۇمدىن چىقىدۇ. ئۇلار بېشىنى لىڭشىتىپ، ئىلمەككە ئوخشايدىغان تاڭلىيى بىلەن تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي پارازىت ئىگىسىنىڭ تەن دىۋارىنى چىشلەپ، تەن سۇيۇقلۇقىنى سۈمۈرىدۇ. لىچىنكىسى بىر مەزگىل يېتىلگەندىن كېيىن قورچاققا ئايلىنىدۇ، قورچاق ئۇزاق ئۆتمەي قانات چىقىرىپ يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىپ ئۇچۇپ چىقىدۇ.
ئىنچىكە بەل ھەرىنىڭ دۇنيا بويىچە مەلۇم بولغان تۈرى1500 دىن ئاشىدۇ. دۆلىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن قارا كۆك ئىنچىكە بەل ھەرە، كېپىنەك قورچىقىنىڭ ئىنچىكە بەل ھەرىسى، شال قاسىراقلىق قۇرتنىڭ ئىنچىكە بەل ھەرىسى قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ پارازىت ئىگىلىرى يېزا ئىگىلىكىدىكى زىيانداش ھاشاراتلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنچىكە بەل ھەرە پايدىلىق ھاشارات ھېسابلىنىدۇ، بەزىدە ئىنچىكە بەل ھەرە باشقا پارازىت ھەرىلەردىمۇ پارازىت ياشاپ، قوش پارازىتلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.