ھايۋانلارنىڭ بۇرنى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھايۋانلارنىڭ بۇرنى نەپەسلىنىش يولىنىڭ بىر قىسمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۇراش ئەزاسىدۇر. ساقچى ئاپشاركىسى جىنايەتچىلەرنى ئىز قوغلاپ مېڭىشتا، پۇراققا ئىنتايىن سەزگۈر بۇرنىغا تايىنىدۇ.
ئومۇمەن ئالغاندا، پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر ھايۋانلارنىڭ بۇرنى ئۇزۇن ھەم تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، بۇرۇن بوشلۇقى چوڭ ھەم نەم بولىدۇ، سىرتقى يۈزىدە قويۇق جايلاشقان پۇراش سېزىم ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشايدىغان ئۈچ بارماقلىق گىگانت چۈمۈلىخورنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى پىلدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، پۇراش سېزىمى ئالاھىدە ئۆتكۈر، ئادەتتە توپا - شېغىل دۆۋىلىرىدىن چۈمۈلە ئىزدەپ يېيىشكە ماھىر. ئەكسىچە، پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ بۇرنى كىچىك ھەم قۇرغاق، پۇراق سېزىش ھۈجەيرىلىرى ئاز، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يېيىشتە ئاساسەن كۆزى ۋە قۇلىقىنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ، قۇشلار مانا مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلار پۇراش سېزىمىنىڭ ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسىدىكى پەرق ناھايىتى زور بولىدۇ. بېلىقنىڭ بۇرنى ئىككى دانە تۆۋەن ئولتۇرۇشقان تۆشۈك بولۇپ، پۇراق سېزىش ھۈجەيرىلىرى ئاساسەن بۇرۇن بوشلۇقىغا مەركەزلىشىدۇ، كېچىدە ئوزۇقلۇق ئىزدەشتە ئاساسەن پۇراش سېزىمىگە تايىنىدۇ. لەھەڭ (ئاكۇلا) نىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، بىرقانچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن قاننىڭ ھىدىنى پۇرىيالايدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى ئالاھىدە ئۆتكۈر بولۇپ ئوخشاش بولمىغان1000 خىلدىن ئارتۇق ماددىنىڭ پۇرىقىنى پەرق ئېتەلەيدۇ.
ھايۋانلار بۇرنىنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغاچقا، فۇنكسىيىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. لەھەڭنىڭ بۇرنى ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى ئارقىلىق، ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئەزاسى قىلىنىدۇ. قۇندۇزنىڭ ئىككى بۇرۇن تۆشۈكى قاپقاقلىق رولغا ئىگە بولۇپ، ئېچىلىپ - يېپىلالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھاۋا ئەركىن كىرىپ - چىقالايدۇ، شۇڭا سۇدا قاقىلىپ كەتمەيدۇ. پىلنىڭ بۇرنىدا كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە مۇسكۇل بار بولۇپ، خالىغانچە ئۇزىراپ - قىسقىرىيالايدۇ، بۇرنى ئۇنىڭ جەڭ قىلىش قورالىغا ئايلانغان. سۇ كالىسىنىڭ بۇرنى ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى تەر تامچىلىرىنى سىزىپ چىقىرىپ، ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ، تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. ئىتنىڭ بۇرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قىلىنىدۇ. شەپەرەڭنىڭ بۇرنى خۇددى رادارغا ئوخشاش20 مىڭ گېرتستىن يۇقىرى ئاۋاز دولقۇنىنى چىقىرالايدۇ. دېڭىز قۇشلىرىنىڭ بۇرنى دېڭىز سۈيىنى تاتلىقلاشتۇرۇش ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق مەزگىل دېڭىزدا ياشىسىمۇ تاتلىق سۇنىڭ غېمىنى قىلمايدۇ.
بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردا، مەسىلەن، ھاشاراتلاردا گەرچە بۇرۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى بولىدۇ. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى ناھايىتى يىراق ئارىلىقتىكى گۈلنىڭ خۇشبۇي پۇرىقىنى سېزىپ، ئۇچۇپ بېرىپ ھەسەل (گۈل شىرنىسى) يىغىدۇ.