ئۈچ ياپراقلىق قۇرتنىڭ يېقىن تۇغقىنى نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقا
ھايۋاناتلار دۇنياسى
نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقا بىر خىل ئاجايىپ ھايۋان بولۇپ، ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇ تەن شەكلى ئەڭ چوڭ بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان بولۇپ، ئاياغ ئېغىزلىقلار سىنىپىغا تەۋە. ئۇ گەرچە200 مىليون يىللىق كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇرقىدا ئانچە ئۆزگىرىش بولمىغان، شۇنداقتىمۇ ئاران بەش تۈرى ساقلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىگە تارقالغان. جۇڭگو نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.
نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقا قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، شەكلى چۆمۈچكە ئوخشايدۇ. باش - كۆكرەك قىسمىنىڭ ئۈستىدە بىر كەڭ دۈمبە قاسىراقچىسى بولىدۇ، دۈمبە تەرىپى تومپايغان، قورساق تەرىپى ئىچىگە ئولتۇرۇشقان بولۇپ، ئات تۇيىقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا ئىككى جۈپ كۆز بولۇپ، بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆزى باش - كۆكرەك قاسىرىقىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە جايلىشىدۇ، بىر جۈپ ئاددىي كۆزى دۈمبە قىسمىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلىشىدۇ. باش - كۆكرەك قىسمىنىڭ قورساق تەرىپى بوغۇملارغا بۆلۈنمىگەن، قوشۇمچە پۇتلىرى ئالتە جۈپ بولۇپ، ئادەتتە ئامبۇرغا ئوخشايدۇ، پەقەت ئالتىنچى جۈپى تىرنىغا ئوخشاش بولۇپ، توپا قېزىشتا ئىشلىتىلىدۇ؛ قۇرامىغا يەتكەن ئەركىكىنىڭ ئىككىنچى جۈپ پۇتىنىڭ ئۇچى ئەگرى ئىلمەكسىمان بولۇپ، چېتىشىش ۋاقتىدا چىشىسىنى قۇچاقلاشقا ئىشلىتىدۇ. نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن، ئۆتكۈر قۇيرۇق نەيزىسى بولۇپ، ئۇ مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورالىدۇر.
نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقىنىڭ قېنى كۆك رەڭلىك بولىدۇ. ئۇلار دېڭىز ئاستىدىكى قۇملۇق جايلاردا ياشاپ، ئىچكى پارازىت قۇرتلار ۋە قاپسىز يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. قوشۇمچە پۇتلىرى ۋە قۇيرۇق نەيزىسى ئارقىلىق لاتقا قۇملارنى كولاپ ئۇۋا ياساپ ئۇۋىسىدا ياشايدۇ. خۇددى ئادەمنىڭ يۈگۈرىشى، سەكرىشى، دەرەخقە چىقىشىغا ئوخشاش، نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقىنىڭمۇ بىرقانچە خىل ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى بار: ئۇ باش - كۆكرەك قىسمىدىكى پۇتلىرىغا تايىنىپ دېڭىز ئاستىدا ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ؛ قورساق قىسمىدىكى پۇتلىرىغا تايىنىپ دېڭىز سۈيىدە ئۈزەلەيدۇ؛ يەنە تېخى «خادا بىلەن ئېگىزگە سەكرىيەلەيدۇ» − يەنى قۇيرۇق نەيزىسى بىلەن تېنىنى توساتتىن ئېگىز قىلىپ كۆتۈرۈۋالىدۇ.
ھەر يىلى باھار ۋە ياز ئارىلىقىدا، نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقا جورا ئىزدەپ تۇخۇم تۇغۇپ، بالا چىقىرىپ، بالىسىنى باقىدۇ. بالا نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقىدا قۇيرۇق نەيزىسى بولمايدۇ، تېنى بويىغا مەركىزىي قىسمى ۋە ئىككى يېنىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇ خۇددى ئۈچ ياپراقلىق قۇرتنىڭ يېتىلگەن قۇرتىغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ ياپراقلىق لىچىنكا دەپ ئاتىلىدۇ. بۇمۇ نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقىنىڭ ئۈچ ياپراقلىق قۇرت بىلەن يېقىن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.