UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىچوشقا

چوشقا

ھايۋاناتلار دۇنياسى چوشقا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھەم دۆت، ھەم ھۇرۇن ھايۋان. ئەمەلىيەتتە، چوشقىنىڭ كۆندۈرۈلۈش جەريانىدىن قارىغاندا ئۇ ئەقىللىق ھايۋان. ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە، ئىنسانلار10 مىڭ يىللارنىڭ ئالدىدىلا ياۋا چوشقىنى كۆندۈرۈپ بېقىشقا باشلىغانىكەن. ياۋا چوشقىنىڭ تۈكلىرى يىرىك، چىرايى بەتبەشىرە، مىجەزى ئىنتايىن ۋەھشىي. ناھايىتى تېز يۈگۈرەيدۇ، غەزەپلەنسە ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا ھايۋانلار پادىشاھى بولغان يولۋاسمۇ قورقىدۇ. كۆندۈرۈلگەن ئۆي چوشقىسىدا ياۋا چوشقىنىڭ ناچار خۇسۇسىيەتلىرى قالمىغان، ئىسكەتى، مىجەزى جەھەتلەردىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولغان. يەنە يېتىلىشى تېز، كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر تەدرىجىي شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۇ، كىشىلەرنى گۆش بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، خۇرۇم سانائىتى، دورا ياساش سانائىتىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ گەندىلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك ئوغۇت قىلىنىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ «ھەممە يېرى گۆھەر» ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. چوشقا قارىماققا ھەم دۆت، ھەم پاسكىنا بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە، بەزى جەھەتتىكى ئەقىل - پاراسىتى ئىتنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئالىملار چوشقا ئۈستىدە بىر قاتار سىناقلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇسسۇل ئويناش، سۇ كۆتۈرۈش، ھارۋا سۆرەش، ئىشىك ئېچىش قاتارلىق «ماھارەت» لەرنى چوشقىغا بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرسىلا ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئىت بولسا ئون قېتىمغا يېقىن تەكرارلىغاندىن كېيىن ئۆگىنىۋالالايدۇ. ھازىر، چوشقا سېرك ئۆمىكىنىڭ سەھنىسىگە چىقىپ، ئىتقا قارىغاندا تېخىمۇ قىزىقارلىق ئويۇنلارنى كۆرسەتمەكتە. ئالىملار يەنە چوشقىنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا پاسكىنا ھايۋان ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ تېرىسىدە تەر بەزلىرى كۆپ بولمىغاچقا، ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە ئىسسىقلىقنى تارقىتىش ئۈچۈن سۇغا كىرىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، پاكىز سۇ تاپالمىغاندىن كېيىن لاي سۇغا چىلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چوشقا تازىلىققا رىئايە قىلىشنىمۇ بىلىدۇ. ئۇ دائىم يەپ - ئىچىپ ئۇخلايدىغان يېرىدىن يىراققا بېرىپ سىيىپ چىچىدۇ، كىشىلەر ئۇنى چوشقا قوتىنىغا سولاپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا ئامالسىز پاسكىنا بولۇپ قالىدۇ. چوشقىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە ئاڭلاش قۇۋۋىتى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. بۇرنى پىستىنىڭكىدىنمۇ ئۆتكۈر. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر چوشقىنى ئوۋ ئوۋلاشقا كۆندۈرگەن، ئۇ20 مېتىر يىراقلىقتىكى ئوۋنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايدۇ. مەشىق قىلدۇرۇلغان چوشقا يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن مىنانى تېپىشقىمۇ ياردەم قىلالايدۇ. چوشقا يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يەيدۇ، ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى ھەرگىز زورلاپ يېمەيدۇ. ئۇ ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىشنى بىلىدۇ. يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتىدۇ. چوشقا يەنە يىلاننى يېيەلەيدۇ، يىلان زەھىرىگە نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى يۇقىرى. ئامېرىكىلىقلار ئېتىزلاردا چوشقا باققاچقا، ئېتىزلاردىكى زەھەرلىك يىلان كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى