UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسېسىقكۈزەن

سېسىقكۈزەن

ھايۋاناتلار دۇنياسى سېسىقكۈزەن ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدا ياشايدىغان بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان مەقئەت بېزى بىلەن «سېسىق نامى پۇر كەتكەن». سېسىقكۈزەننىڭ تېنى ئاق - قارا ئارىلاش، يىرىك ھەم قويۇق ئۇزۇن تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. تېنىنىڭ رەڭگىدە قارا رەڭ ئاساس قىلىنىدۇ، بوينىنىڭ دۈمبە قىسمىدا بىر پارچە ئاق دېغى بار بولۇپ، بۇ داغ مۈرىسىنىڭ ئىككى يېنىغا قاراپ بىر تالدىن روشەن ئاق تۈكلۈك بەلۋاغ چىقىپ، «人» شەكلىنى ھاسىل قىلغان. قۇيرۇقى توم، قۇيرۇق تۈكلىرى ناھايىتى ئۇزۇن، ئۇ دائىم قۇيرۇقىنى دىڭ قىلىپ ۋە مۈرىسىدىكى كۆرۈنەرلىك ئاق داغلىرى ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك سالغان ھايۋاننى قورقۇتىدۇ. سېسىقكۈزەندە يەنە دۈشمىنىنى زەربە بىلەن چېكىندۈرىدىغان ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش چارىسى بار، يەنى مەقئەت بېزىدىن پايدىلىنىپ خىمىيىۋى قورال «ياسايدۇ». سېسىقكۈزەن ھۇجۇم قىلغۇچىغا يولۇقۇپ قالسا دەرھال كەينىنى قىلىپ، قۇيرۇقىنى دىڭ تۇتۇپ، مەقئىتىدىن سېسىق سۇيۇقلۇق پۈركۈپ چىقىرىپ، كۈچلۈك دۈشمىنىنى چېكىندۈرىدۇ، بۇ خىل سېسىق سۇيۇقلۇق ئىنتايىن سېسىق پۇراپلا قالماستىن، يەنە پالەچلەندۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئۇنى قوغلاپ كەلگۈچىنى بىرقانچە ھەپتە بىئارام قىلىدۇ. ئەگەر سېسىق سۇيۇقلۇق ئادەم يۈزىگە پۈركۈلۈپ كەتسە ھوشىدىن كېتىدۇ. ئەگەر كۆزىگە كىرىپ كەتسە كۆزىدىن ياش ئاققۇزىدۇ ھەتتا قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ. سېسىقكۈزەندە شۇنداق ماھارەت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ھايۋانلار توپلىشىپ ياشايدىغان ئورماندا غادىيىپ، ھېچقانداق غېمى يوق ئارىلاپ يۈرىدۇ. سېسىقكۈزەن قوڭغۇزغا ئوخشاش كىچىك تىپتىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئارىلاپ چاشقان ۋە مېۋە يەيدۇ. سېسىقكۈزەننىڭ تېرىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
سېسىقكۈزەن | UyghurWiki | UyghurWiki