UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىھايۋانلارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشى

ھايۋانلارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدا ھەم ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ھەم ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش بولۇپ تۇرىدۇ. بەزى ھايۋانلاردا تېخى چوڭقۇر مېھرىبانلىق بار بولۇپ، ئۇلاردا ئوخشاشلا ئانا - بالىلىق مېھىر، قېرىنداشلىق مېھىر، ئەر - خوتۇنلۇق مېھىر بولىدۇ. قاغا ھامان كىشىلەرنى بىزار قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزئارا كۆيۈنۈشنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. بىرەيلەن مۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆرگەنىكەن: تاغ باغرىدا بىر توپ قاغا ياي شەكلىدە رەتلىك تىزىلىپ بىر ئۆلۈك قاغىنى ئورىۋاپتۇ. قارىماققا يولباشچىغا ئوخشايدىغان بىر قاغا ئۆلۈك قاغىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ماتەم بىلدۈرگەندەك توختىماي قاقىلداپ سايراپتۇ. باشقا قاغىلار خۇددى ئۇنىڭ «تەزىيە سۆزى» نى ئاڭلاۋاتقاندەك جىم تۇرۇپتۇ. بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىرقانچە قاغا ھېلىقى ئۆلۈك قاغىنى يەردىن ئېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى كۆلچەكنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇپ بېرىپ كۆلچەككە تاشلاپ، يەنە ئۆز ئورنىغا ئۇچۇپ كەپتۇ. ھېلىقى يولباشچى قاغا بىر مەھەل قايغۇلۇق قاقىلداپ سايرىغاندىن كېيىن، باشقا قاغىلارنى باشلاپ كۆلچەكنىڭ ئۈستىدە بىرقانچە قېتىم ئايلىنىپ ئاندىن قاقىلدىغان پېتى يىراققا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئافرىقىدا بىر خىل كەركىدان قۇشى بار بولۇپ، دائىم كەركىداننىڭ جاراھەت ئېغىزىدىكى ھەر خىل پارازىت قۇرتلارنى يەپ ھەم ئۆزى مەنپەئەتلىنىدىكەن، ھەم كەركىداننىڭ كېسەل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىكەن. دېڭىز ئاپتاپپەرەس راكىنىڭ ئىككى قىسقۇچ پۇتى بىردىن دېڭىز قىزىل ئاپتاپپەرىسىنى قىسىۋېلىپ، كۈن بويى ئۇيان - بۇيان مېڭىپ يۈرىدۇ، خەتەرگە يولۇققان ھامان دېڭىز ئاپتاپپەرەس راكى دەرھال دېڭىز قىزىل ئاپتاپپەرىسىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ. دېڭىز قىزىل ئاپتاپپەرىسى باشقىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زەھەرلىك سەزگۈ قولىنى تاجاۋۇز قىلماقچى بولغۇچىغا توغرىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن دېڭىز ئاپتاپپەرەس راكى بىخەتەرلىكىدىن غەم قىلماي بارغانلىكى يېرىدە ئوزۇقلۇق تۇتۇۋېرىدۇ؛ دېڭىز ئاپتاپپەرىسى دېڭىز ئاپتاپپەرەس راكى يەپ ئېشىپ قالغان قالدۇقلارنى يېسىلا قورسىقى تويىدۇ. تىمساھ بىلەن كىلوقۇش (تىمساھ قۇشى) نىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىشى ناھايىتى قىزىقارلىق. كىلوقۇش يىرتقۇچ تىمساھنىڭ تېنىدە مېڭىپ يۈرۈپ كىچىك قۇرتلارنى يەپلا قالماستىن، تىمساھنىڭ ئاغزىغا كىرىپ ئېغىز بوشلۇقىدىكى بېلىق، سەدەپدار، پاقا قاتارلىقلارنىڭ پارچە - پۇرات گۆشلىرىنى ۋە تىمساھنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا پارازىت ياشايدىغان زۇلۇك قاتارلىقلارنىمۇ يېيەلەيدۇ. بەزىدە تىمساھ توساتتىن ئاغزىنى يۇمۇۋالسا كىلوقۇش ئىچىدە قامىلىپ قالىدۇ. كىلوقۇش تۇمشۇقى بىلەن تىمساھنىڭ ئاستى - ئۈستى تاڭلىيىنى يېنىككىنە چوقۇلاپ قويسىلا تىمساھ ئاغزىنى ئاچىدۇ - دە، كىلوقۇش ئۇچۇپ چىقىدۇ. ئاق چۈمۈلە بىلەن ئۇنىڭ ئۈچىيىدە ياشايدىغان ئۇلترا قامچا تۈكلۈك قۇرت (گىپېرماستىگوتا) ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلىدۇ. ئاق چۈمۈلە ھەر خىل ياغاچلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۆزىدە ياغاچلىق تالالارنى ھەزىم قىلىدىغان ئېنزىم بولمىغانلىقتىن يېگەن ياغاچ كېپەكلىرىنى ھەزىم قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچىيىدە ياشايدىغان ئۇلترا قامچا تۈكلۈك قۇرت ياغاچلىق تالالارنى پارچىلىيالايدىغان ئېنزىم ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ياغاچلىق تالالارنى پارچىلاپ، ئاق چۈمۈلىنى ئوزۇقلۇق ماددا بىلەن تەمىنلەيدۇ، قامچا تۈكلۈك قۇرتمۇ بۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق ماددىغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى خىل ھايۋاننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتسە ئاق چۈمۈلە ئاچ قېلىپ ئۆلىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا ياردەم قىلىشى ئوخشاش تۈردىكى ھايۋانلار ئىچىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بىرەيلەن كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالغان چاشقاننىڭ كۆزى ساق چاشقاننىڭ قۇيرۇقىنى مەھكەم چىشلىۋېلىپ تام ياقىلىشىپ ئاستا ماڭغانلىقىنى كۆرگەنىكەن. بەزى ھايۋانلار تېخى ئىنسانلارغا ياردەم قىلىدۇ، ئۇلارمۇ مېھرىبانلىقنى بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، ئىتنىڭ ئۆز خوجايىنىنى قۇتقۇزۇشى، جەڭ ئېتىنىڭ ئىگىسىگە سادىق بولۇشى قاتارلىقلار. ھايۋانلارنىڭ بۇ خىل ئۆزئارا مۇناسىۋىتى تاسادىپىيلىقتىنمۇ ياكى مۇقەررەرلىكتىنمۇ؟ بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى