كۈلگەك كۆكتارغاق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئورمانلىقتا بىر خىل »غەلىتە كۈلىدىغان« قۇش بار بولۇپ، ئۇنىڭ سايرىغان ئاۋازى خۇددى ئادەمنىڭ كۈلكە ئاۋازىغا ئوخشايدۇ، يەرلىكلەر ئۇنى «كۈلگەك قۇش» دەپ ئاتايدۇ، قۇششۇناسلىق ئىلمىدە كۈلگەك كۆكتارغاق (سېرىل قۇشى) دەپ ئاتايدۇ.
كۈلگەك كۆكتارغاقنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى مۈشۈكياپىلاقتىن پەرقلەنمەيدۇ، پۈتۈن تېنى كۈل رەڭ داغلىق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم ياپىلاق؛ تۇمشۇقى چوڭ ھەم ئۇچلۇق، ھەم ئۆتكۈر، ھەم كۈچلۈك. كۈلگەك كۆكتارغاق زەھەرلىك يىلان ۋە باشقا زىيانلىق ھايۋانلارنى تۇتۇش ماھىرى. ئۇ، ئۆتكۈر كۆزى بىلەن زەھەرلىك يىلاننى بايقىغاندىن كېيىن، ئېتىلىپ بېرىپ تۇمشۇقى بىلەن ئامبۇردەك قىسىۋېلىپ ئۆلتۈرىدۇ.
كۈلگەك كۆكتارغاق «غەلىتە كۈلگەن» دە كۆزلىرىنى توختىماي چۆرگىلىتىپ بىر خىل تەكەببۇرلۇق ھەيۋىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خۇددى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن قىلغان ئالاھىدە ھەرىكەتكە ئوخشايدۇ.