UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىيوپۇرماق تىككۈچى چۈمۈلە

يوپۇرماق تىككۈچى چۈمۈلە

ھايۋاناتلار دۇنياسى يوپۇرماق تىككۈچى چۈمۈلە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئۇچىدا ياشايدىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى چۈمۈلە. ئۇنىڭ دەرەخ يوپۇرمىقىنى تىكىپ ياسىغان يۇمىلاق ياكى سوقىچاق شەكىللىك ئۇۋىسىنىڭ چوڭلۇقى پۇتبولچىلىك كېلىدۇ. يوپۇرماق تىككۈچى چۈمۈلە ئۇۋا ياساش ئالدىدا ئالدى بىلەن چوڭ ھەم مۇكەممەل يوپۇرماقنى تاللىۋالىدۇ، ئاندىن ئىككى ياندىكى يوپۇرماق گىرۋىكىنى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قىلىپ توغرىلاپ، بىر تەرەپتىكى يوپۇرماق گىرۋىكىنى پۇتى بىلەن چىڭ تۇتۇۋېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىكى يوپۇرماق گىرۋىكىنى ئاغزىدا چىڭ چىشلىۋېلىپ، پۇتىنى ئېھتىيات بىلەن سىلجىتىپ، يوپۇرماقنىڭ ئىككى ياندىكى ئايرىلىپ تۇرغان گىرۋىكىنى كۈچەپ تارتىپ بىرلەشتۈرىدۇ. ئەگەر يوپۇرماق گىرۋەكلىرىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇپ قالسا نۇرغۇن ئىشچى چۈمۈلىلەر بېشى ۋە قۇيرۇقى ئارقىلىق بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىپ، بىر - بىرىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، يوپۇرماق يوچۇقىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن يوپۇرماق گىرۋىكىنى تارتىپ بىرلەشتۈرىدۇ. يوچۇق ئۇلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن تارايغاندا ياكى يوقالغاندا يەنە بىر تۈركۈم ئىشچى چۈمۈلىلەر كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىردىن چوڭ بولغان لىچىنكىنى ئاغزىدا چىشلەپ كېلىپ، تىرىك «دەرەخ توقۇش موكىسى» قىلىدۇ، ئالدى بىلەن لىچىنكىنىڭ ئاغزىنى بىر تەرەپتىكى يوپۇرماق گىرۋىكىگە بېسىپ تۇرۇپ يېپىشقاقلىقى، چىدامچانلىقى يۇقىرى بولغان بىر خىل يىپەك يىپ ئاجرىتىپ چىقارغۇزىدۇ، ئاندىن لىچىنكىسىنىڭ ئاغزىنى يوپۇرماقنىڭ يەنە بىر تەرەپتىكى گىرۋىكىگە بېسىپ تۇرۇپ، يىپەك يىپ ئاجرىتىپ چىقارغۇزىدۇ، شۇنداق قىلىپ موكىدەك ئۇيان - بۇيان ئۆتكۈزۈپ يوپۇرماقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گىرۋىكىنى تىكىپ، بىر يۇمىلاق شەكىللىك ئۇۋا شەكىللەندۈرىدۇ. يوپۇرماق تىككۈچى چۈمۈلە ئۆزىنىڭ لىچىنكىسىنى ھەم يىپ ئېگىرىدىغان يىك (ئۇرچۇق) قىلىدۇ، ھەم رەخ توقۇيدىغان موكا قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل غەلىتە ھادىسە تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ قورال - سايمان ئىشلىتىش جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى ھېسابلىنىدۇ. يوپۇرماق تىككۈچى چۈمۈلە بۇ خىل كامالەتكە يەتكەن كارامىتى بىلەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ «مۇئەللەق راۋىقى» نى ياسايدۇ. يوپۇرماق تىككۈچى چۈمۈلە ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىنى ئىنتايىن ئەتىۋارلايدۇ، ھەرقانداق بىر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچى ئۇنىڭ شىددەتلىك زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ ئادەمنى چېقىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چىرىتىش خاراكتېرلىك زەھەرلىك سۇيۇقلۇق پۈركۈيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى