يولۋاس
ھايۋاناتلار دۇنياسى
»سۇ بويىدا« ناملىق ئەسەردە، داڭق چىقارغان ۋۇسۇڭ ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس بىلەن قۇرۇق قول ئېلىشىپ، يولۋاسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، يولدا ئۆتكەن - كەچكەنلەر ئۈچۈن بىر چوڭ ئاپەتنى يوقىتىپ بېرىپ، باتۇر بولغان. لېكىن، ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ.1979 - يىلى2 - ئايدا يېڭى دېھلىدا يولۋاس توغرىسىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى يولۋاسنى ئوۋلاشنى مەنئى قىلىش ئاساسىي فوندى ئۈچۈن مەخسۇس6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، يولۋاس ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، يولۋاس ئۆلتۈرگەنلەر باتۇر بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە جازاغا تارتىلىدىغان بولدى.
يولۋاس ئاسىيانىڭ ئالاھىدە ھايۋىنى بولۇپ، بۇرۇن سىبىرىيىدىن تارتىپ تاكى سۇماتېراغىچە ھەممە يەر يولۋاسنىڭ ياشايدىغان ماكانى ئىدى. يولۋاسنىڭ توققۇز تۈرى بار. ئۇلار جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى، شەرقىي شىمال يولۋىسى، جەنۇبىي ئاسىيا يولۋىسى، ھىندىچىنى يولۋىسى، سۇماتېرا يولۋىسى، ياۋا يولۋىسى، قارا دېڭىز يولۋىسى، شىنجاڭ يولۋىسى ۋە بالى يولۋىسى قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئارقىدىكى تۆت تۈرىنىڭ نەسلى يوقالغان، قالغان يولۋاسلارنىڭ سانىمۇ كۆپ ئەمەس.
يولۋاس تروپىك بەلۋاغ ۋە سوغۇق بەلۋاغنىڭ ئورمانلىرىدا ياشايدۇ. سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن كۈچلۈك، يۇيۇنۇشقا ئامراق، كۆپىنچە سۇغا يېقىن دەرەخلىك، چۆپلۈكلەردە ھەرىكەت قىلىدۇ. يولۋاسنىڭ مىجەزى غەلىتىرەك، تىنچ مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ. ئادەتتە سەھەر ۋە ئاخشاملىرى چىقىپ يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، لېكىن ناھايىتى يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىدۇ.
يولۋاس گۆشخور ھايۋان. ئۇنىڭ ئوۋ ئوۋلاش ماھارىتى شىرغا قارىغاندا يۇقىرى، ئادەتتە جىم يېتىۋېلىش، تىمىسقىلاپ مېڭىش، توساتتىن ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن نۇرغۇن ھايۋانلار قورقۇپ كېتىپ مىدىر قىلماي ياتىدۇ، ئاندىن ئېتىلىش، كۆتۈرۈۋېلىش ۋە پارچىلىۋېتىش ئۇسۇللىرى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ. يولۋاسنىڭ ئېتىلىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. بىر ئېتىلىش بىلەن7 مېتىرغا بارىدۇ،2 مېتىر ئېگىزلىكتىن سەكرەيدۇ، بۇغىنى بىر شاپىلاق بىلەنلا يىقىتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ تۆمۈر كالتەككە ئوخشايدىغان قۇيرۇقى بار بولۇپ، ھايۋاننىڭ بەل ۋە پۇتىنى بىر ئۇرۇپلا ئۈزۈۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى، تىرناقلىرى بولۇپ، كالىغا ئوخشاش چوڭ ھايۋانغا ئۇچراپ قالسا، كالىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋېلىپ بېشى ياكى بوينىنى قاماللاپ تۇتۇۋېلىپ، بېشىنى ئارقىغا قايرىپ، بېلىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ، بوينىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، ئەگەر ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلسا كېكىردىكىدىن تۇتۇۋېلىپ چىشلەپ ئۈزۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاۋۇل كالىمۇ ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ.
ئانا يولۋاس بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەندىن باشقا، يولۋاس ئادەتتە يالغۇز ياشايدۇ ھەمدە كۆرۈنەرلىك ھەرىكەت قىلىش رايونى بولىدۇ. چىشى يولۋاس ئادەتتە2 −3 يىلدا بىر قېتىم بوغاز بولىدۇ، ئادەتتە ھەر قېتىمدا ئىككىنى تۇغىدۇ. ئورمانلار ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يولۋاسنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانسېرى تارايماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قالايمىقان تۇتۇش، قالايمىقان ئۆلتۈرۈش نەتىجىسىدە، يولۋاسنىڭ سانى50 يىلنىڭ ئالدىدىكى100 مىڭدىن، ھازىر شىددەت بىلەن ئازىيىپ3000 غا چۈشۈپ قالدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە ھايۋىنى بولغان جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسىدىن ئاران30 نەچچىسى قالدى.