قىزىل ئىبىس
ھايۋاناتلار دۇنياسى
قىزىل ئىبىس (قىزىل سەجدە قۇش) دۇنيادىكى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق قۇش بولۇپ «شەرق ياقۇتى» دېگەن نامى بار، دۇنيا قۇشلار ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان قۇشلار» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ئىلگىرى دۆلىتىمىز، چاۋشيەن، ياپونىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونلىرىغا كەڭ تارقالغانىدى. ھازىر چاۋشيەن، روسىيىلەردە نەسلى ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتتى. ياپونىيىدە قەپەستە بېقىلغان بىرقانچىسىلا قالدى، دۆلىتىمىزدىمۇ قىزىل ئىبىس20 نەچچە يىل غايىپ بولغانىدى.1981 - يىلىغا كەلگەندە كىشىلەر شەنشى ئۆلكىسى ياڭشەن ناھىيىسىنىڭ ياۋجياگۇ دېگەن يېرىدىن يەتتە قىزىل ئىبىسنى بايقىغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ بايقاش دۇنيانى زىلزىلىگە سالغانىدى. تۈجۈپىلەپ قوغداش نەتىجىسىدە سانى ئاشماقتا.
قىزىل ئىبىسنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن، تاجسى چوڭ، مەڭزى قىزىل بولىدۇ، پۈتۈن تېنىنىڭ پەيلىرى قىزىل ئارىلاش ئاق، بويۇن قىسمىدا تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرغان سۆگەت يوپۇرمىقى شەكىللىك ئۇزۇن پەيلىرى بولىدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. ئۇ ئادەتتە ئېگىز دەرەخلەردە دەم ئالىدۇ، پەقەت ئوزۇقلۇق ئىزدەش ۋاقتىدا شاللىق، سازلىق ۋە تاغلىق رايونلاردىكى ئېرىقلارغا ئۇچۇپ بېرىپ، چېكەتكە، پاقا، كىچىك بېلىق، ئېتىز قۇلۇلىسى ۋە لايخور بېلىق (لاييېگەك) قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. قىزىل ئىبىسنىڭ كۈشەندىلىرى كۆپ، قاغا ۋە كۆك قوڭغارچا قاتارلىقلار دائىم چاڭگا تالىشىپ تۇخۇملىرىنى چېقىۋېتىدۇ، چۈجىلىرىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چاڭگا سالىدىغان رايوننى تاللاشقا بەك دىققەت قىلىدۇ. قىزىل ئىبىس ئادەتتە بىر تەرەپتىن تۇخۇم باسۇرۇپ، بىر تەرەپتىن چاڭگىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.5 - ئايدا تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا3 −4 تال تۇخۇم تۇغىدۇ. چىشى، ئەركەك قىزىل ئىبىسلار نۆۋەتلىشىپ تۇخۇم باسۇرىدۇ. تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن چۈجىسى تۇخۇم شاكىلىنى يېرىپ چىقىدۇ، ئۇلارنى ئاتا - ئانىسى نۆۋەت بىلەن قاراپ بىرلىكتە باقىدۇ. قىزىل ئىبىس چۈجىسى بىر ئايلىق بولغاندا پەي - قاناتلىرى تەدرىجىي تولۇپ، ئۇچۇش ماھارىتىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزى مۇستەقىل چىقىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ.