UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىچاشقان

چاشقان

ھايۋاناتلار دۇنياسى يەر شارىدا ئىنسانلاردىن باشقا، چاشقان سانى ئەڭ كۆپ، ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ھەتتا رادىئاكتىپلىق نۇرمۇ ئۇنى يوقىتالمىغان.1945 - يىلى8 - ئايدا ياپونىيىنىڭ ھىروشىما شەھىرىنى ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى تاشلاپ خانىۋەيران قىلىپ تۈزلىۋەتكەندە، قۇشلار، چارۋىلارنىڭ نەسلى يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، چاشقان زىيانكەشلىككە ناھايىتى ئاز ئۇچرىغان. چاشقاننىڭ كەم دېگەندە1700 تۈرى بار، ئۇلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، نېمە بولسا شۇنى يەۋېرىدۇ، ھەرقانداق يەردە ياشاۋېرىدۇ. كامار كولىيالايدۇ، دەرەخقە چىقالايدۇ، تاغقا چىقالايدۇ، سۇ كېچەلەيدۇ، ھەتتا سۇغا سەكرەپ كىرىپ بېلىق بىلەن ئوزۇقلۇق تالىشىدۇ؛ بىنانىڭ5 - قەۋىتىدىن چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقى ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا ئىنتايىن ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. چاشقانلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ، ھەممىسىدە بىر جۈپتىن توختىماي ئۆسۈپ تۇرىدىغان چوڭ ئۇتتۇر چىشى بولىدۇ. بۇ بىر جۈپ ئۇتتۇر چىش چاشقاننى ئازابقىمۇ سېلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چىشىنى ئۈزلۈكسىز بىلەپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا چىشى ئۇزىراپ ئۆسۈۋېرىپ، ئاغزىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، يېپىلماس قىلىپ قويىدۇ، بىرنەرسە يېيەلمەستىن، ئالدىدا يېمەكلىك تۇرسىمۇ يېيەلمەي ئاچ قېلىپ ئۆلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چاشقان گەرچە ياغاچ يېمىسىمۇ، لېكىن دائىم كىيىم ئىشكاپى، ياغاچ ساندۇقلارنى غاجىلاپ بۇزۇۋېتىدۇ، چۈنكى چاشقان ياغاچ غاجىلاپ ئۈزلۈكسىز تۈردە چىشىنى بىلەپ تۇرىدۇ. چاشقاننىڭ ئاشلىق ئوغرىلاپ يېيىش «ئوغرىلىق تەبىئىتى ئۆزگەرمەيدۇ». بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بىر چاشقان ئاشلىق ئامبىرىدا بىر يىل تۇرسا12 كىلوگرام ئاشلىقنى يەپ،20 مىڭ تال ماياقلاپ،40 كىلوگرام ئاشلىقنى بېزەپ قىلىۋېتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر يىلى چاشقان بېزەپ قىلىۋېتىدىغان ئاشلىق تەخمىنەن35 مىليون توننا بولۇپ، بۇنچىلىك ئاشلىق بىلەن10 مىليون نوپۇسى بار شەھەرنى20 يىل تەمىنلىگىلى بولىدۇ، ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيان ياپونىيىگە تاشلانغان ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بەزى چاشقانلار ئورەك كولاپ توسمىلارنى سۇ ئېلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاشقان يەنە20 خىلدىن ئارتۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ.1347 - يىلى چاشقان چۇما تارقىتىپ25 مىليون ياۋروپالىقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. چاشقاننىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى كۆپ، ئەمما پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار. چاشقان تېرىسى يۇمشاق، ئۇنىڭدىن پارقىراق، نوركا جۇۋا - پەلتۇ تىكىشكە بولىدۇ؛ چاشقان يۇڭىنى ھىدرولىزلىغاندىن كېيىن ھىدرولىزلانغان ئاقسىل، سىستىن قاتارلىق دورىلارنى ياسىغىلى بولىدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، چاشقان گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا گۆشىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە چاشقان گۆشى ئېسىل نازۇنېمەت ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. كىچىك ئاق چاشقان مېدىتسىنادا تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىدۇ. بەزىلەر چاشقاننىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ئۇنىڭدىن يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە پايدىلانماقتا. چاشقاننىڭ پۇراش سېزىمى ياخشى، جۇغى كىچىك، ئۆزى چاققان بولغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەلدە ئۇنى مەشىق قىلدۇرۇپ «چاشقان ساقچى» قىلىپ تەربىيىلەپ بەزى ئالاھىدە پۇراقلىق بۇيۇملارنىڭ مەسىلەن، زەھەر، ئوق دورىسى قاتارلىقلارنىڭ پۇرىقىنى پىششىق ئىگىلىتىپ، تاموژنا قاتارلىق ئورۇنلاردا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى تەكشۈرۈشتە پايدىلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
چاشقان | UyghurWiki | UyghurWiki