قارىغۇ يىلانبېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
كىشىلەر دائىم «چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدۇ» دەيدۇ، ئەمما كىچىككىنە قارىغۇ يىلانبېلىق چوڭ بېلىقلارنى يەيدۇ. ئۇ چوڭ بېلىقنىڭ ژابراسىدىن قورساق بوشلۇقىغا كىرىۋېلىپ، چوڭ بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ ئىچكى ئەزالىرىنى ۋە گۆشلىرىنى يەيدۇ. بىر تەرەپتىن يەپ، بىر تەرەپتىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا چوڭ بېلىقنىڭ قورساق مۇسكۇلىنى چىشلەپ تېشىپ، شۇ تۆشۈكتىن چىقىپ كېتىدۇ. قارىغۇ يىلانبېلىقنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى، بىر قارىغۇ يىلانبېلىق چوڭ بېلىقنىڭ قورسىقىدا يەتتە سائەت تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ18 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بېلىق گۆشىنى يەۋېتىدۇ، بەزىدە بىر پۈتۈن بېلىقنى پاك - پاكىز يەپ بولۇپ، پەقەت تېرىسى ۋە سۆڭىكىنىلا قالدۇرۇپ قويىدۇ. مەلۇم بىر ئادەم بىر قېتىم بىر يوغان باش ترېسكا بېلىقىنىڭ تېنىدىن123 تال قارىغۇ يىلانبېلىق تاپقان، ئۇلار يوغان باش ترېسكا بېلىقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تامامەن يەپ تۈگىتىۋەتكەنىكەن.
دېڭىزدا ياشايدىغان قارىغۇ يىلانبېلىقنىڭ ئون نەچچە تۈرى بار. دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز ياقىسىدا ياشايدىغان ئاران بىر تۈرى، يەنى يېپىشقاق قارىغۇ يىلانبېلىقى بار. قارىغۇ يىلانبېلىقنىڭ «داننى ئۆيدىن يەپ خەقنىڭكىدە كاكىلىشى»، ژابرادىن كىرىپ ئىچ - باغرىنى كولاپ يەپ پارازىتلىق بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ تېنىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قارىغۇ يىلانبېلىقنىڭ تەن شەكلى دەريا يىلانبېلىقىغا ئوخشايدۇ، لېكىن باش قىسمىدا ئاستى - ئۈستى ئېڭىكى بولمايدۇ، ئاغزى شورىغۇچى تەخسىگە ئوخشاش بولۇپ، مۈڭگۈز ماددىلىق ئۆتكۈر چىشلىرى بار. ژابراسى خالتىسىمان، ئىچكى ژابرا تۆشۈكى يۇتقۇلۇقى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ، سىرتقى ژابرا تۆشۈكى ئاغزىدىن خېلى يىراق ئارقا تەرىپىدە سىرتقا ئېغىز ئاچقان، بۇنىڭ بىلەن تېنىنىڭ ئالدى تەرىپى پارازىت ئىگىسىنىڭ توقۇلمىسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتسىمۇ نەپەسلىنىشىگە تەسىر يەتمەيدۇ. قارىغۇ يىلانبېلىق شورىغۇچى تەخسىسىگە تايىنىپ چوڭ بېلىققا يېپىشىۋالىدۇ، ئاندىن پۇرسەت تېپىپ ژابراسى ئارقىلىق بېلىقنىڭ قورسىقىغا كىرىۋالىدۇ. بېلىق تېنىدە ئۇزاق ۋاقىت پارازىت ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن كۆزى رودىمېنتلىشىپ تېرىسى ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان. ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى ۋە ئاغزى ئۇچىدىكى تۆت جۈپ بۇرۇتچىلىرىنىڭ تېگىش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، چوڭ بېلىقنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا سېزىۋالىدۇ.
قارىغۇ يىلانبېلىق يۇمىلاق ئېغىزلىق ھايۋانلارغا تەۋە، ئانىلىق - ئاتىلىقى بىر تەندە، چېتىشىش ۋاقتىدا ئالدى بىلەن ئەركەكلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن چىشىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇمى ھالەت ئۆزگەرتىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا بىۋاسىتە يېتىلىپ بالا قارىغۇ يىلانبېلىققا ئايلىنىدۇ.