مۈشۈكئېيىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
مۈشۈكئېيىق دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەتلىك ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن دۆلىتىمىزنىڭ سىچۇەن، گەنسۇ، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ ئايرىم ئېگىز ھەم تىك تاغلىق رايونلىرىغا تارقالغان، سانى ئىنتايىن ئاز، دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانغا كىرىدۇ ھەمدە «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ، دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن جەمئىيەت بەلگىسى قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى كۆپىنچە ئەھۋالدا «تىنچلىق ئەلچىسى» سۈپىتىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇق مېھرىنى ئېلىپ، ئوكيان ئاتلاپ چەت ئەللەرگە چىقىپ تۇغقان تېپىپ دوست تۇتۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.
مۈشۈكئېيىقنىڭ تېنى سېمىز، لىغىلداپ تۇرىدۇ، پۇتلىرى توم، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن5 .1 مېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى60 −70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، بەدەن ئېغىرلىقى100 ~180 كىلوگرام، بولۇپمۇ ئاشۇ «八» شەكىلدە جايلاشقان قارا رەڭلىك كۆز چەمبىرى خۇددى قارا كۆزەينەك تاقىۋالغاندەك كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.
مۈشۈكئېيىقنىڭ ئەجدادى گۆشخور بولۇپ، ھازىر بولسا گۆشسىز نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاساسلىقى جۇڭگو بامبۇكىنى يەپ ياشايدۇ. بىر قۇرامىغا يەتكەن مۈشۈكئېيىق ھەر كۈنى20 كىلوگرام ئەتراپىدا يېڭى بامبۇك يەيدۇ. بەزىدە ئۇ بىرەر قېتىم «پەرزى» نى بۇزۇپ بامبۇكزارلىقتىكى چاشقانلارنى تۇتۇپ يەپ مەززە قىلىدۇ، ھەتتا ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېمەكلىكلەرنى ئوغرىلاپ يەيدۇ.
مۈشۈكئېيىقنىڭ مىجەزى غەلىتە، يالغۇز ياشاشنى خالايدۇ، كۈندۈزى يېتىپ كەچتە چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، تۇراقلىق ماكانى بولمايدۇ، پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ دائىم ئۆي كۆچۈپ يۈرىدۇ. باھاردا ئومۇمەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىز تاغلاردىكى بامبۇكزارلىقتا تۇرىدۇ، يازدا بامبۇك نوتىلىرى يۇمران بولىدىغان تەسكەي تاغ باغرىغا كۆچۈپ كېلىدۇ، كۈزدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2500 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ئىللىق كۈنگەي تاغ باغرىغا كۆچۈپ بېرىپ ئۇزۇن قىش پەسلىدىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ.
ھەر يىلىدىكى4 -،5 - ئايلار مۈشۈكئېيىقنىڭ كۆپىيىش پەسلى بولۇپ، ئەركەك، چىشى مۈشۈكئېيىقلار مۇشۇ چاغدىلا جەم بولىدۇ. لېكىن5 - ئاي ئۆتۈشى بىلەنلا يەنە ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ. چىشى مۈشۈكئېيىق4 −5 - ئايلار ئەتراپىدا بوغاز بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرەخ كامېرى ياكى تاش ئۆڭكۈرىنى جىددىي ئىزدەپ تېپىپ «تۇغۇت ئۆيى» قىلىدۇ، ئۇ ھەرقېتىم بىردىن ئىككىگىچە بالا تۇغىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئاران150 گرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئانىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، بىر ئايدىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى2 كىلوگرامغا يېتىدۇ، ئۈچ ئايدىن كېيىن5 −6 كىلوگرامغا يېتىدۇ. ئانا مۈشۈكئېيىق بالىسىنى دائىم قوينىغا ئېلىۋېلىپ، ئاستا - ئاستا سىلاپ قويىدۇ، سىرتقا چىققاندىمۇ ئاغزىدا چىشلەپ ساڭگىلىتىۋالىدۇ ياكى دۈمبىسىدە يۈدۈۋالىدۇ، مېھرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، بىرقەدەممۇ ئايرىلمايدۇ. مۈشۈكئېيىق بالىسى5 −6 ئايلىق بولغاندا ئانىسى ئۇنىڭغا دەرەخقە يامىشىش، سۇ ئۈزۈش، يۇيۇنۇش ۋە بامبۇكنى سويۇپ يېيىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. بالا مۈشۈكئېيىق ئىككى يىلدىن كېيىن ئانىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلايدۇ. مۈشۈكئېيىق ئادەتتە20 −30 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ.
مۈشۈكئېيىقنىڭ جەمەتى ئىنتايىن قەدىمىي. ئۇلار تەخمىنەن1 مىليون يىل بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ شەنشى، سەنشى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان، يۈننەن، سىچۇەن، جېجياڭ، فۇجيەن، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ ئۇلارنىڭ ئىزلىرى بار، ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرىنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئالىملارنىڭ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشىدىكى «تىرىك تاشقاتما» بولۇپ قالدى.