شەپەرەڭ
ھايۋاناتلار دۇنياسى
شەپەرەڭ گەرچە قۇشقا ئوخشاش ئۇچالىسىمۇ، لېكىن ئۇ قۇش بولماستىن، بەلكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.
شەپەرەڭنىڭ ئالدى پۇتىنىڭ ئالىقان سۆڭىكى، بارماق سۆڭىكى ئالاھىدە ئۇزۇن، بارماق سۆڭىكىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى بىلەن ئارقا پۇتى ۋە قۇيرۇقى ئارىلىقىدا نېپىز ھەم يۇمشاق قانات پەردىسى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇشقا ئوخشاش ھاۋادا ئۇچالايدۇ. بارمىقىنىڭ ئۇچىدا تىرنىقى بولىدۇ، دەم ئالغاندا تىرنىقى بىلەن دەرەخ شېخىغا، ئۆي لەمپىسىگە، تاش يوچۇقلىرىغا ئىلىنىۋېلىپ، تەتۈر ئېسىلىپ ئۇخلايدۇ، كۈندۈزى يېتىپ كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەركۈنى گۇگۇم چۈشكەندە ئوزۇقلۇق ئىزدەش ھەرىكىتىنى باشلايدۇ.
شەپەرەڭنىڭ توپلىشىپ ياشاش ۋە قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىش خۇسۇسىيىتى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ياز پەسلىنىڭ كەچقۇرۇنلۇقى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. شەپەرەڭنىڭ قىشلىق ئۇيقۇسى قاتتىق بولمايدۇ، قىشلىق ئۇخلاش مەزگىلىدە بەزىدە چىقىرىندىلارنى چىقىرىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق يەيدۇ. شەپەرەڭ توپلىشىپ ياتقان يەردە كۆپ مىقداردا شەپەرەڭ ماياقلىرى دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرىنچى دەرىجىلىك ئوغۇت بولۇپ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ «شەپەرەڭ مايىقى» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭيى دورىسى تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ.
شەپەرەڭنىڭ «تىرىك رادار» دېگەن نامى بار. باش قىسمىدىكى تۇمشۇقىنىڭ ئۈستىدە كىچىك ياپراقچىسى بولىدۇ، بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئەتراپىدا ناھايىتى مۇرەككەپ تېرە پۈرمىسى بولىدۇ، ئۇ ئاجايىپ بىر خىل ئۇلترا ئاۋاز دولقۇن قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى چاستوتىلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چىقىرىپ، توسالغۇ جىسىمغا ياكى ئۇچۇۋاتقان ھاشاراتقا دۇچ كەلسە قايتىپ كېلىپ ئەكس ساداغا (ئەكس ئاۋازغا) ئۆزگىرىدۇ، ئاندىن بۇ شەپەرەڭنىڭ قۇلىقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. شەپەرەڭ ئەكس ساداغا ئاساسەن نىشانغا ھۆكۈم قىلىپ، يېمەكلىك ياكى توسالغۇ جىسىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تۈردە قوغلاپ تۇتىدۇ ياكى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
شەپەرەڭنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئاساسەن ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى خىلدىكىلەر چوڭ تىپتىكى مېۋىخور شەپەرەڭلەر بولۇپ، ئاساسەن مېۋە بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، شۇڭا مېۋىلىك باغلار ئۈچۈن زىيانلىق، مەسىلەن، پىتېروپۇس شەپەرىڭى، مېۋە شەپەرىڭى، ئىتباش شەپەرەڭ قاتارلىقلار، بۇلار شەرقىي يېرىم شارنىڭ تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارقالغان. ئىككىنچى خىلدىكىلەر كىچىك تىپتىكى ھاشاراتخور شەپەرەڭلەر بولۇپ، جۇغى كىچىك، ئادەتتە ھاشارات بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. مەسىلەن، رىنولوفىن شەپەرىڭى، چوڭ قۇلاق شەپەرەڭ، ئۆي شەپەرىڭى قاتارلىقلار. دۆلىتىمىزدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئۆي شەپەرىڭى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەپەرەڭ پىتېروپۇس شەپەرىڭى بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، ئىككى قانىتىنىڭ كەڭلىكى5 .1 مېتىر چىقىدۇ.
شەپەرەڭ ھەر يىلى كۈزدە چېتىشىدۇ، ئارقىدىنلا قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ. ئىككىنچى يىلى باھاردا چېتىشىپ بولغان چىشى شەپەرەڭ ئۇرۇقلىنىدۇ، شەپەرەڭ بالىسى ئانىسىنىڭ تېنىدە يېتىلىپ، باھارنىڭ ئاخىرلىرى يازنىڭ باشلىرىدا تۇغۇلىدۇ.