UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىپىپا چارپاقىسى

پىپا چارپاقىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ گۋىئانا ۋە برازىلىيىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ئالاھىدە كۆپىيىش ئۇسۇلى بار بىر خىل قوش ماكانلىق ھايۋان − پىپا چارپاقىسى ياشايدۇ. ئۇنىڭ تېرىسى قارامتۇل قوڭۇر، تىلى يوق، ئارقا پۇتى چوڭ، بەش بارمىقى ئارىلىقىدا ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئۈزگۈچى پەردىسى بار بولۇپ، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر. ھەر يىلى4 - ئاي مەزگىلى پىپا چارپاقىسىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى. بۇ ۋاقىتتا چىشى چارپاقا بىرخىل ئالاھىدە پۇراق ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئەركەك چارپاقىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئەركەك چارپاقا ئالدى پۇتى بىلەن چىشى چارپاقىنىڭ ئارقا پۇتىنىڭ ئالدى تەرىپىنى چىڭ قىسىپ تۇتۇۋالىدۇ. بىر سوتكىدىن كېيىن چىشى چارپاقىنىڭ دۈمبىسى ۋە چىقىرىش - كۆپىيىش بوشلۇقى (مەقئەت بوشلۇقى) نىڭ ئەتراپى ئىششىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا چىشى چارپاقا چىقىرىش - كۆپىيىش تۆشۈكىنى ئەركەك چارپاقىنىڭ قورساق قىسمىغا چىڭ چاپلىۋالىدۇ، ئەركەك چارپاقا چىشى چارپاقىنى سۆرەپ سۇدا ئاستى - ئۈستىگە قاراپ موللاق ئاتىدۇ. ئەركەك چارپاقىنىڭ دۈمبىسى تۆۋەنگە قارىغاندا چىشى چارپاقا تۇخۇملىرىنى دەل ئەركەك چارپاقىنىڭ قورساق قىسمىغا تۇغۇپ ئۇرۇقلاندۇرىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدە چىشى چارپاقىنىڭ دۈمبىسىنىڭ تېرىسى ئىنتايىن قېلىن، يۇمشاق بولۇپ كېتىدۇ ھەمدە ھەرە كۆنىكىگە ئوخشاش كىچىك ئورەكچىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، كىچىك ئورەكچىلەرنىڭ سانى بىرقانچە10 ~100 دىن ئارتۇق بولىدۇ. سۇدىكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇملارنى ئىشچان ئەركەك چارپاقا ئارقا پۇتى بىلەن قىستۇرۇۋېلىپ، چىشى چارپاقىنىڭ دۈمبىسىدىكى كىچىك ئورەكچىلەرگە بىر - بىرلەپ سېلىپ قويىدۇ ھەمدە «پېچەتلەش» كە مەسئۇل بولىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كىچىك ئورەكچىلەردە تۇخۇمدىن چىققان قۇمچاقلار ئورەكچىنىڭ قاپقىقىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ چىقىپ، سۇغا چۈشۈپ ئۈزىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن قۇمچاق قۇيرۇقىنى تاشلىۋېتىپ، كىچىك پىپا چارپاقىسىغا ئايلىنىدۇ. پىپا چارپاقىسىدا بالىسىنى ھاپاش قىلىشتەك بۇ خىل ياشاش خۇسۇسىيىتى بولغانلىقتىن ھاپاشچى چارپاقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇمچاقلار چىشى چارپاقىنىڭ دۈمبىسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، چىشى چارپاقا دەرەخقە ياكى تاشقا دەرھال دۈمبىسىنى سۈركەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆپىيىشتىن ئىلگىرىكى تۇرقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى