سېرىققاش جاغجاق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھەر يىلى4 ~8 - ئايلار سېرىققاش جاغجاق (ئورتوتومۇس قۇشى)نىڭ جۈپلىشىپ تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلى. ئانا قۇش بالىلىرىغا راھەت - پاراغەتلىك ماكان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، جۈپلىشىش ئالدىدا يىڭنە ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلاپ، يوپۇرماق تىكىپ چاڭگا ياسايدۇ.
چاڭگا ياساش ۋاقتىدا ئالدى بىلەن ياپون بانانى (باجياۋ)، بانان قاتارلىقلارنىڭ چوڭ تىپتىكى يوپۇرمىقىدىن بىر - ئىككى تالنى تاللاپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ يىڭنىگە ئوخشاش ئىنچىكە ئۇزۇن ئەگرى تۇمشۇقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا يوپۇرماقنى جۈپلەپ يۆگەيدۇ ھەمدە يوپۇرماقنىڭ گىرۋىكىدىن تۇمشۇقى بىلەن تۆشۈكلەرنى ئاچىدۇ، ئاندىن ئۆسۈملۈك تالاسى، ئۆمۈچۈك يىپى، ياۋا پىلە قۇرتى يىپەك يىپى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، يوپۇرماقنى بىر - بىرلەپ تىكىپ خالتا شەكىللىك چاڭگا قىلىپ چىقىدۇ. تىككەن يىپلىرىنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، يىپنىڭ ئۇچىنى كىلمەك ئۇرۇپ قويىدۇ، بۇ ئىشلىرى ھەقىقەتەنمۇ چېۋەر كىيىم تىككۈچى قىزغا ئوخشايدۇ.
سېرىققاش جاغجاق ئىنتايىن ئەتراپلىق ئويلايدۇ، يوپۇرماق سېپىنىڭ قۇرۇپ كېتىپ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يوپۇرماق سېپىنى ئوت - چۆپنىڭ غولى بىلەن دەرەخ شېخىغا مەھكەم باغلاپ قويىدۇ؛ چاڭگىغا يامغۇر سۈيىنىڭ كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، چاڭگىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە قىيپاش قىلىپ ياسايدۇ.
سېرىققاش جاغجاق چاڭگا خالتىسىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن ئۇيان - بۇيان پىتىراپ يۈرۈپ پەي، ئۇششاق سامان، پاختا ۋە ئۆسۈملۈك تالاسى قاتارلىق يۇمشاق ماتېرىياللارنى تېپىپ كېلىپ بىر ئەپچىل، ئىللىق، راھەت »ئۆي« تۈزەشتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىرتتىن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ يېشىل بۆشۈكتە تۇخۇم تۇغۇپ، تۇخۇم باسۇرۇپ، بالىلىرىنى باقىدۇ.
سېرىققاش جاغجاق ئاسىيانىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا تارقالغان، دۆلىتىمىزدە ئۈچ تۈرى بار بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى يۈننەن ئۆلكىسىگە تارقالغان. چوڭ قۇيرۇقلۇق سېرىققاش جاغجاق كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرى بولۇپ، تېنى ناھايىتى كىچىك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن10 ~13 سانتىمېتىر، تېنى چىرايلىق زەيتۇن يېشىلى رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان، بېشىدا قوڭۇر رەڭلىك دوپپىسى بار. ئۇلار دائىم كەنتلەرنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى باغلاردا، بامبۇكزارلىقتا ۋە كىچىك دەرەخلەر ئارىسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، تەبىئىتى تېتىك، چاققان، ئۇچۇشى تېز، ئۇزۇن قۇيرۇقىنى توختىماي ئاستى - ئۈستىگە ئوينىتىپ تۇرىدۇ. كۈن بويى گۈللەرنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرىدا تاقلاپ يۈرۈپ ھاشارات ئىزدەپ يەيدۇ. ھەر يىلى ئىككى قېتىم كۆپىيىدۇ، ھەر ئۇۋىغا3 −4 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمىنى ئەركەك - چىشىسى نۆۋەت بىلەن باسۇرىدۇ.