UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسېرىق كېپىنەك

سېرىق كېپىنەك

ھايۋاناتلار دۇنياسى سېرىق كېپىنەكنىڭ سىزىقچىلىرى چىرايلىق، قاناتلىرى كەڭ، ئارقا قانىتىدا كۆرۈنەرلىك قۇيرۇق ئۆسۈندىسى بار بولۇپ ناھايىتى چىرايلىق. سېرىق كېپىنەك تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان بىر خىل ھاشارات بولۇپ يېتىلىپ، يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىشى ئۈچۈن تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاقتىن ئىبارەت ئۈچ جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. لىچىنكىسى ھەم توم، ھەم چوڭ بولىدۇ. رەڭگى يېشىلنى ئاساس قىلىدۇ، قارا ئارىلاش توغرا يول - يول سىزىقلىرى بولىدۇ، يول - يول سىزىقلىرىدا نۇرغۇنلىغان سارغۇچ قىزىل رەڭلىك داغلىرى بولىدۇ. گەرچە سېرىق كېپىنەكنىڭ چىرايلىق لىچىنكىلىرى سەۋزە، پېترۇشكا قاتارلىق كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل رېتىگە ئۆمىلەپ چىقىپ ئوزۇقلىنىپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ھەم يوشۇرۇنماي بەخىرامان يۈرسىمۇ، قۇشلار ئۇنىڭغا چېقىلىشقا پېتىنالمايدۇ. ئەسلىدە، سېرىق كېپىنەكنىڭ لىچىنكىسى چۆچۈتۈۋېتىلسە باش قىسمىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن تۇيۇقسىزلا روشەن ئاچىماقلانغان ئىككى تال «مۈڭگۈز» − ئاچىماق سېسىق بەز چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاچىماق سېسىق بەزدىن كۈچلۈك سېسىق پۇرىقى بار ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، قۇش سېسىق پۇراقنىڭ زەربىسىگە چىدىماي ئەيمىنىپ كېتىپ قالىدۇ. سېرىق كېپىنەكنىڭ لىچىنكىسى ئۆزىنىڭ چىرايلىق رەڭگى ئارقىلىق ئۆزىگە يېقىنلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. بىئولوگىيىدە ھايۋانلاردىكى سېسىق بېزى، زەھەرلىك تىكىنى قاتارلىقلار بولىدىغان بۇ خىل كۆركەم بەدەن رەڭگى ۋە گۈل سىزىقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش رەڭگى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىدىكى بىر خىل ماسلىشىش ھېسابلىنىدۇ. سېرىق كېپىنەكنىڭ لىچىنكىسى قورچاققا ئايلىنىشتا، كۆپىنچە ئەتراپ مۇھىتتىكى يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ رەڭگىنىڭ قېنىق - سۇسلۇقىمۇ ئوخشىمايدىغان قورچاقلارنى ھاسىل قىلىدۇ. كۈن نۇرى يېتەرلىك جايدا ھاسىل بولغان قورچاق سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولىدۇ، سايىگە يېقىنراق يەردە ھاسىل بولغان قورچاق تۇتۇق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئەتراپ مۇھىتنىڭ رەڭگى بىلەن بىردەك بولىدىغان بۇ خىل رەڭگى قوغدىنىش رەڭگى دەپ ئاتىلىدۇ. قورچاق قانات چىقىرىش باسقۇچىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن چىرايلىق سېرىق كېپىنەك بولۇپ يېتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى