كامبالا بېلىقى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
بىپايان دېڭىز - ئوكياننىڭ چوڭقۇر يېرىدە تۇرقى ئىنتايىن غەلىتە بىر خىل بېلىق بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر ئىككى كۆزى بېشىنىڭ بىر تەرىپىگە جايلىشىدۇ. ھەر ئىككى كۆزى سول يېنىغا جايلاشقىنى ئولىۋا بېلىقى دەپ ئاتىلىدۇ، ئوڭ يېنىدا بولىدىغانلىرى كېپىنەكسىمان بېلىق دەپ ئاتىلىدۇ.
كامبالا بېلىقىنىڭ تېنى ياپىلاق، دېڭىز تېگى بىلەن بىر تەكشىلىكتە بولىدۇ، تېنىنىڭ ئۈستىگە قاراپ تۇرىدىغان يۈزى تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ئىككى كۆزى تېنىنىڭ رەڭگى قېنىقراق بولغان تەرىپىگە جايلىشىدۇ؛ تۆۋەن تەرەپكە قاراپ تۇرىدىغان يۈزى بىرقەدەر تۈز، رەڭگى سۇسراق بولىدۇ، ئاغزى، كۆكرەك ئۈزگۈچىسى ۋە قورساق ئۈزگۈچىسى قاتارلىقلار سىممېترىك ئەمەس. دۈمبە ئۈزگۈچىسى ئالدىغا قاراپ بېشىنىڭ چوققىسىغىچە ئۆسكەن، ساغرا ئۈزگۈچىسىمۇ ئالدىغا قاراپ ئۇزىراپ دۈمبە ئۈزگۈچىسى بىلەن پاراللېل بولىدۇ.
تۇخۇمدىن يېڭىلا چىققان كامبالا بېلىقى ئاتا - ئانىسىغا ئوخشىمايدۇ. كۆزلىرى سىممېترىك ھالدا بېشىنىڭ ئىككى يېنىغا جايلىشىدۇ، تۇغۇلۇپ تەخمىنەن20 كۈندە تېنى چوڭىيىپ5 .0 سۇڭ بولغاندا، دېڭىز تېگىدە يېتىپ ياشاشقا باشلايدۇ، تېنىنىڭ يېتىلىشىمۇ تەڭپۇڭ بولماي تۆۋەن تەرىپىدىكى كۆزى ئۈستىگە يۆتكىلىپ، ئۈستىدىكى كۆزى بىلەن بىر قاتارغا كېلىدۇ.
كامبالا بېلىقى دېڭىز تېگىدە قۇمسىمان لاتقىغا كۆمۈلۈپ يالغۇز ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ھەرىكەت قىلغاندا يانچە ياتقان تېنى ۋە قۇيرۇقىنىڭ ئاستى - ئۈستىنىڭ سىلىكىنىشىگە ھەمدە ئۇزۇن قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى بىلەن ساغرا ئۈزگۈچىسىنىڭ تەۋرىنىشىگە تايىنىپ ئاستا - ئاستا ئالدىغا ئىلگىرىلەيدۇ.
كامبالا بېلىقىنىڭ تېنىنىڭ رەڭگى مۇھىت رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ماھارىتى ئۇنى مۇھىت بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ قويىدۇ. ئۇ دېڭىز ئاستىدا مىدىرلىماي تۈز ياتقاندا بىر دۆۋە لاتقا ياكى شېغىل تاشقا ئوخشاپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن دۈشمەنلىرىدىن مۇداپىئەلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن «ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش» دېگەندەك يەمچۈكلەرنى كۈتۈپ ياتىدۇ. كامبالا بېلىقىنىڭ تېنى يەنە بىر خىل سۈت رەڭلىك زەھەرلىك سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئەتراپىدىكى كىچىك ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ يەم قىلىدۇ، ۋەھشىي لەھەڭمۇ ئۇنى كۆرسە يول بېرىدۇ.
كامبالا بېلىقى مۇھىم ئىقتىسادىي بېلىق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى ھەممە يەرگە تارقالغان. ئۇنىڭ گۆشى مەززىلىك، جىگىرىدىن بېلىق مېيى ياساشقا بولىدۇ. بەزى تۈرلىرىنى دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش، زەھەر ياندۇرۇش رولى بار.