تولۇقچىقوڭغۇز
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تەخمىنەن6 مىڭ يىل بۇرۇن قەدىمكى مىسىرنىڭ دېھقانلىرى باھاردا پىياز ئېتىزىنى سۇغىرىۋاتقاندا، بىر خىل تېنى قاۋۇل، پۈتۈن تېنى قاپقارا پارقىراق ساۋۇت بىلەن قاپلانغان چوڭ قوڭغۇزنىڭ يول ئۈستىدە ئۆزىدىنمۇ چوڭ، ناھايىتى سىپتە بىر يۇمىلاق شارنى ئارقىچىلاپ ئىتتىرىپ ماڭغانلىقىنى دائىم كۆرەتتى. ئەينى چاغدا ئۇلار ناھايىتى ھەيران قالغان. چۈنكى، شۇ زاماندىكى كىشىلەر يۇمىلاق شارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، بۇ خىل قۇدرەتلىك قوڭغۇز بەلكىم «ئىلاھ» نىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىپ، شۇنچە سىپتە يۇمىلاق شارنى ياساپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، دەپ تونۇيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «مۇقەددەس قوڭغۇز» دەپ ئاتالغان.
بۇ خىل قارا رەڭلىك قوڭغۇز دەل تولۇقچىقوڭغۇز ئىدى. ئۇنىڭدا قاتتىق، تىپىك غىلاپ قانات بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئالاھىدە بەرگىسىمان سېزىش مۈڭگۈزى بولىدۇ، ئادەتتە پاسكىنا نەرسىلەر ياكى ئەخلەت بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئەگەر ئادەم، چارۋىلارنىڭ گەندىسىنى تېپىۋالسا، ئۇنى شار شەكلىدە قىلىپ ياسىۋالىدۇ، شۇڭا ئادەتتە تېزەكچى قوڭغۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تولۇقچىقوڭغۇز ئاۋۋال بېشى بىلەن تېزەكنى بىر يەرگە دۆۋىلىۋېلىپ، ئاندىن ئالدى پۇتى بىلەن چاۋاكلاپ ئۇرۇپ پوملايدۇ. بۇ ۋاقىتتا «ئەر - خوتۇن» ئىككىسى يېقىندىن ھەمكارلىشىپ بىرى ئالدىدىن سۆرەپ، بىرى ئارقىدىن ئىتتىرىپ شار شەكىللىك تېزەكنى يۇمىلىتىپ ماڭىدۇ. بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يۇمىلىتىپ ئېلىپ بارغاندىن كېيىن چىشى تولۇقچىقوڭغۇز بېشى ۋە پۇتى بىلەن شارسىمان تېزەكتىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، تۇخۇمىنى ئىچىگە تۇغۇپ، شارسىمان تېزەكنى كامارغا ئىتتىرىپ، توپا بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان لىچىنكىسى تاكى توپا ئىچىدە قورچاققا ئايلانغىچە شارسىمان تېزەكنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.
چارۋىچىلىق بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئاۋسترالىيىدە تۈمەنلىگەن قوي، كالىلار ھەر كۈنى100 مىليون كىلوگراملاپ تېزەكلەيدۇ، قۇمۇلاقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىۋىن ئاپىتى پەيدا قىلىپ، ئوتلاقلارنى چېكىندۈرۈپ، مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. كېيىن، ئاۋسترالىيىلىكلەر جۇڭگودىن تۇلۇقچىقوڭغۇز كىرگۈزۈپ «تازىلىق قىلىشقا» ياردەملەشتۈرگەندىن كېيىن ئوتلاقلارنىڭ ھاياتىي كۈچى قايتا ئەسلىگە كەلگەن.
تۇلۇقچىقوڭغۇز تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات. دۇنيا بويىچە4500 دىن ئارتۇق تۈرى تېپىلغان. دۆلىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى قارا ياپىلاق تۇلۇقچىقوڭغۇز، شىمال تۇلۇقچىقوڭغۇزى، شېننۇڭ تۇلۇقچىقوڭغۇزى ۋە چوڭ تۇلۇقچىقوڭغۇز قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.