UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىئاق ئېيىق

ئاق ئېيىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى قار ۋە مۇز بىلەن قاپلانغان شىمالىي قۇتۇپتا باشقا ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق تېپىشى مۇشەققەت، لېكىن ئۇ يەردە ئاق ئېيىق ئۆزى بەگ - ئۆزى خان ياشايدۇ. ئاق ئېيىق ۋەھشىي، ئوۋلاش ئوبيېكتى ئاساسەن تيۇلېن، دېڭىز پىلىنىڭ بالىسى، قۇش تۇخۇمى ۋە دېڭىز ياقىسىدا تېيىز سۇدا توختاپ قالغان كىت قاتارلىقلار. ياز پەسلىدە ئاندا - ساندا كۆك ئوت - چۆپ ۋە باشقا ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ يەپ قويىدۇ. ئۇ دائىم سۇدا لەيلەپ يۈرگەن مۇزلاردىكى قار ئۆڭكۈرىگە كىرىۋالىدۇ. ئوۋنى قوغلىغاندا سۇغا كىرگەندىن باشقا، ئادەتتە مۇز ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاق ئېيىقنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۇغا چۆكۈپ ئۈزۈشكە ماھىر، لېكىن تيۇلېن بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاق ئېيىقنىڭ سۇ ئۈزۈش سۈرئىتى تيۇلېنغا يەتمەيدۇ، شۇڭا ئاق ئېيىق ئۇنى «پەم» بىلەن ئوۋلىمىسا بولمايدۇ. تيۇلېن يازدا كۆپىنچە كۆچمە مۇزنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايدۇ، ئاق ئېيىق نىشاننى دەل كۆرۈۋالغاندىن كېيىن سۇغا شۇڭغۇپ كىرىپ تيۇلېن ئۇخلاۋاتقان مۇزنىڭ گىرۋىكىگە سۇ ئاستى بىلەن ئۈزۈپ بېرىپ، چوڭ تاپىنىنى سۇدىن چىقىرىپ تيۇلېننى شىددەت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ، تيۇلېننىڭ باش سۆڭىكىنى يېرىۋېتىدۇ. ئاق ئېيىق بەزىدە كۆچمە مۇز ئۈستىدە يېتىۋېلىپ »ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش« دېگەندەك كۈتۈپ تۇرىدۇ. مۇبادا تيۇلېن سۇدىن بېشىنى چىقىرىپ قالسا، ئاق ئېيىق تېز سۈرئەتتە سۇغا ئۆزىنى ئېتىپ تيۇلېننى تۇتۇۋالىدۇ. قىشتا ھەممە يەر مۇزلاپ كەتكەندە، تيۇلېن مۇزدىكى ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكىگە تايىنىپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئاق ئېيىق دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكىنىڭ يېنىدا يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، تيۇلېن بېشىنى چىقارغان ھامان ئاق ئېيىقنىڭ ئەجەللىك زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. ئاق ئېيىق سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بولۇپلا قالماستىن، قۇرۇقلۇقتا يۈگۈرۈشكىمۇ ماھىر، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىكى ھەرىكىتى چاققان بەزى چوڭ ھايۋانلارنىمۇ مەسىلەن، شىمالىي قۇتۇپ تۈلكىسى، دېڭىز قۇشلىرى قاتارلىقلارنىمۇ تۇتۇپ يېيەلەيدۇ. ئاق ئېيىقنىڭ تېنى ئاق، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن2 مېتىر، بېشى كىچىك، بوينى ئۈزۈن، كۆزى كىچىك، قۇلىقى يۇمىلاق، تاپىنىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇنلىغان قويۇق تۈكلىرى بار بولۇپ، قاردا ماڭغاندا سۈركىلىشنى ئاشۇرىدۇ. ئاق ئېيىق ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئېيىقلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرى بولۇپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا ھەمدە شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ كۆپ قىسىم ئاراللىرىغا ۋە گرېنلاندىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئاق ئېيىق باش باھاردا چېتىشىدۇ،11 −12 - ئاي ئارىلىقىدا تۇغىدۇ، ھەر قېتىم بوغاز بولغاندا1 −2 نى تۇغىدۇ.5 −6 ياشقا كىرگەندە جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئۆمرى30 يىل ئۆپچۆرىسىدە. ئاق ئېيىق گەرچە يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان سوغۇق جايلاردا ياشىسىمۇ، لېكىن قىشلىق ئۇيقۇغا كىرمەيدۇ ياكى كەمدىن - كەم قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئاق ئېيىق | UyghurWiki | UyghurWiki