UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىتۆگىقۇش

تۆگىقۇش

ھايۋاناتلار دۇنياسى تۆگىقۇش چوڭلۇقى جەھەتتىن داڭلىق بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەر ئارىسىدا «تۆگىقۇش سىياسىتى» دەيدىغان گەپ بار. دېمەكچى، تۆگىقۇش خەتەرگە يولۇققاندا بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىپ، مەن كۆرمىسەم، باشقىلارمۇ كۆرمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدىغان كىشىلەر مەسخىرە قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خاتا تارقالغان گەپ. تۆگىقۇشتا ھەرگىزمۇ بۇنداق ئادەت يوق. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تۆگىقۇشنىڭ بەزىدە بېشىنى يەرگە چاپلىۋېلىشى ياكى ئوزۇقلۇق ئىزدەش ئۈچۈن، ياكى ئاۋاز ئاڭلاش ئۈچۈن ۋە ياكى بويۇن قىسمىدىكى مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، قورققانلىقتىن يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بېشىنىمۇ قۇمغا تىقىۋالمايدىكەن. ئەكسىچە، رەقىبىگە ئۇچراپ قالسا كۈچلۈك پۇتلىرى بىلەن زەربە بېرىدىكەن. تۆگىقۇش ئافرىقا تۆگىقۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇش. ئۇنىڭ بويى ئېگىز، تېنى ئۇزۇن، يۈگۈرۈشكە ماھىر، قۇملۇق، چۆللۈكلەردە ياشاشقا ماسلاشقان. ئەڭ چوڭ ئەركەك تۆگىقۇشىنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى75 .2 مېتىر، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى2 مېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى160 كىلوگرام كېلىدۇ. ئەركەك، چىشى تۆگىقۇشلارنىڭ قانات ۋە قۇيرۇق پەيلىرى بىردەك ئاق، ئەمما بەدىنىدىكى پەيلىرىنىڭ رەڭگى ئوخشىمايدۇ. باش قىسمىدىكى پەيلىرى شالاڭ، بويۇن قىسمى كۆپىنچە يالىڭاچ بولۇپ، تۇرقى ھەقىقەتەن كۆرۈمسىز. ئەمما، ئۇنىڭ مەغرۇرلىنىشقا ئەرزىيدىغان جايلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ بوينى ئۇزۇن، كۆزى ئۆتكۈر بولۇپ، يىراقنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، شۇڭا كۈشەندىلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشىدىن ۋاقتىدا مۇداپىئەلىنىپلا قالماستىن، بەلكى تېز سۈرئەتتە ئوزۇقلۇق ئىزدەپ قورساق تويغۇزالايدۇ. تۆگىقۇشىنىڭ ئىككى پۇتى ئۇزۇن، مەزمۇت، كۈچلۈك، ئۇچقاندەك تېز ماڭىدۇ. گەرچە قاناتلىرى رودىمېنتلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېنىنىڭ چوڭلۇقىدىن ئۇچالمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن قوشۇمچە پەيلىرى خېلىلا تەرەققىي قىلغان، يۈگۈرگەندە قانىتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، بىراقلا8 مېتىرغا سەكرىيەلەيدۇ،15 مىنۇت ياكى يېرىم سائەت ئىچىدە سائەتلىك سۈرئىتىنى كۈچىمەيلا50 كىلومېتىرغا يەتكۈزەلەيدۇ، ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە70 كىلومېتىر ئەتراپىدا يۈگۈرەيدۇ، تۇلپار ئاتمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدۇ. ئادەتتە40 −50 تۆگىقۇش توپ بولۇپ ياشايدۇ، ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك، سۇلۇق مېۋە، ئۇرۇق، ھاشارات ۋە باشقا كىچىك ھايۋانلارنى يەيدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدە كۆپىنچە بىر ئەركەك كۆپ چىشى بىلەن بىللە بولىدۇ، ھەممىسى بىر چاڭگىغا تۇخۇم تۇغىدۇ. ئادەتتە بىر چىشى تۆگىقۇش ھەر قېتىمدا8 تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەربىر تۇخۇمىنىڭ ئېغىرلىقى1300 گرام بولۇپ، ئادەتتىكى25 توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، چىشى قۇش تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولىدۇ، تۇخۇم باسۇرۇش، چۈجىلىرىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى ئەركەك تۆگىقۇش ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۆگىقۇشتىن قاتناش قورالى ئورنىدا پايدىلىنىدۇ ھەمدە كۆندۈرۈپ مال باققۇزىدۇ. تۆگىقۇش ئەگەر مال ئوغرىسىنى بايقاپ قالسا، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئوغرىنى قوغلىۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى