يېشىل باش ئۆردەك
ھايۋاناتلار دۇنياسى
يېشىل باش ئۆردەك دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ياۋا ئۆردەك، ئەركەك ئۆردەكنىڭ باش، بويۇن قىسمى ياپيېشىل پەيلەر بىلەن قاپلانغانلىقى ئۈچۈن يېشىل باش ئۆردەك دەپ ئاتالغان. ئۇ، ھازىرقى ئۆي ئۆردىكىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ بىرى.
يېشىل باش ئۆردەك سۇ ئۈزۈشنىمۇ بىلىدۇ، ئۇچۇشقىمۇ ماھىر، ئۇلار ھەر يىلى يازدا شىمال تەرەپتىكى سازلىق رايونلاردا ياشاپ، تۇخۇم تۇغۇپ، بالىلىرىنى باقىدۇ. كۈز كىرگەندە ئارقا - ئارقىدىن جەنۇبقا كۆچۈپ قىشلايدۇ. كۆچۈش جەريانىدا ياۋا ئۆردەكلەر توپلىشىپ قوشۇن تۈزىدۇ. بەزىدە زىچ توپلىشىپ ماڭغان ياۋا ئۆردەكلەر ئاسماندا ئۇچقاندا، ئاسماننى خۇددى بىر پارچە بۇلۇت توسۇۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىككىنچى يىلى باھاردا ھاۋا ئىسسىپ گۈل - چېچەكلەر ئېچىلغاندا، ئۇلار يەنە شىمالغا سەپەر قىلىپ، جەنۇبتىكى قىشلىغان ئورنىدىن شىمالدىكى يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.
يېشىل باش ئۆردەك كۆپىيىش مەزگىلىدە ھەربىر ئۇۋىغا7 ~16 تال تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمنى چىشى ئۆردەك باسۇرىدۇ. تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلىدە چىشى ئۆردەكنىڭ كۆكرىكىدىكى بىر پارچە يەرنىڭ پەيلىرى چۈشۈپ كېتىپ يالىڭاچلىنىپ، تۇخۇمغا ئۈنۈملۈك تۈردە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىدۇ، بۇ تۇخۇم باسۇرۇش دېغى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلىدە ماي بېزى ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشتىن توختايدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر بولغان تۈلكىلەر ئۇنى ئاسان بايقىيالمايدۇ - دە، تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئەگەر چىشى ئۆردەك ئۇۋىدىن ئايرىلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكچى بولسا تۇخۇملارنى پەيلەر بىلەن يېپىپ قويىدۇ. ئۆردەك بالىلىرى تۇخۇمدىن چىقىپلا، سۇغا چۈشۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدىيەلەيدۇ.
ئەركەك يېشىل باش ئۆردەكنىڭ باش ۋە بوينى پارقىراق يېشىل پەيلەر بىلەن قاپلانغان، بوينىنىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر ئاق بويۇن ھالقىسى بولىدۇ، دۈمبە قىسمىنىڭ پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر، قورساق قىسمى بوز رەڭ. چىشى ئۆردەكنىڭ تېنى قوڭۇر رەڭ، چىشى، ئەركەكلىرىدە ئوخشاشلا سۆسۈن كۆك رەڭلىك قانات داغلىرى بولىدۇ. يېشىل باش ئۆردەك ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى، غولى، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە قىسمەن كىچىك ھايۋانلارنى يەيدۇ، ئۇنىڭ گۆشى تەملىك بولۇپ، ئوۋلىنىدىغان قۇشلارنىڭ بىرى.