ھايۋانلارنىڭ تۇغما قابىلىيەت قىلىقى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئەگەر بەزىلەر چاشقان نېمە ئۈچۈن مۈشۈكتىن قورقىدۇ؟ ھەسەل ھەرىسى نېمە ئۈچۈن گۈللەردىن شىرنە يىغىپ ھەسەل ياسىيالايدۇ؟ مېكىيان نېمە ئۈچۈن ئانا بالىلىرىنى ئاسرىغانغا ئوخشاش چۈجىلىرىنى ئاسرايدۇ؟ دەپ سورىسا، بەلكىم ئېنىق جاۋاب بېرەلەيدىغان ئادەم چىقماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھايۋانلارنىڭ تۇغما قابىلىيەت قىلىقىدۇر. تۇغما قابىلىيەت ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا پەيدا بولغان، شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشىدىكى بىر خىل ئەڭ ئاساسىي قىلىقىدۇر.
ھايۋانلاردا ئۆز نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۇخۇم تۇغۇش، بالا تەربىيىلەشتەك تۇغما قابىلىيىتى بولىدۇ. قۇش بالىلىرىدا بولسا ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەشتەك تۇغما قابىلىيىتى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئۇۋىدىكى تۇخۇمدىن چىققىنىغا تەخمىنەن10 كۈن بولغان قۇش بالىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەجداد قۇشقا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەش قىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە چۈجە ئەجداد قۇشنى تونۇمايدۇ. بۇ پەقەت ئاغزىنى ئېچىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەشتىن ئىبارەت بىر خىل تۇغما قىلىقتىنلا ئىبارەت.
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا ئومۇمەن بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان تۇغما قابىلىيەت بار. سىيىر موزايلىسا، بالىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. كىشىلەر موزاينى ئايرىپ ئېلىپ كەتسە سىيىر ناھايىتى غەمكىن ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. كىشىلەر سىيىرگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن قورسىقىغا سامان تىقىپ ياسىغان موزاي ئەۋرىشكىسىنى ئەكىلىپ قويسا، سىيىر بالام قايتىپ كەپتۇ دەپ، شۇ ئەۋرىشكە «موزاي» نى توختىماي يالايدۇ. ئەۋرىشكىنىڭ تېرىسى يىرتىلىپ كېتىپ ئىچىدىكى سامان چىقىپ قالغاندا «ئانىلىق مېھىر» نى ئاساسەن دېگۈدەك ئۇنتۇپ، «موزاي» نى ئىشتىھا بىلەن پاك - پاكىز يەۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، سىيىرنىڭ موزايغا بولغان غەمخورلۇقى پەقەتلا بىر خىل تۇغما قابىلىيەت بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل تۇغما قابىلىيىتىمۇ يوقىلىدۇ.
كاككۇك دائىم ئۆزىنىڭ تۇخۇمىنى باشقا قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇغۇپ قويۇپ، تۇخۇمىنى باشقا قۇشلارغا باستۇرۇپ چىقارغۇزىدۇ. كاككۇك شۇ قۇشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇخۇمىنى تونۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا بىر خىل ئالاھىدە تۇغما قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇخۇمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە رەڭگىنى تۇخۇمىنى باستۇرماقچى بولغان قۇشلار پەرق ئېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئوپمۇئوخشاش قىلىپ تۇغىدۇ. بۇ، ئىنتايىن ئاجايىپ بىر خىل تۇغما قابىلىيەتتۇر.
كىتلارنىڭ ئۆزلىرىنى «كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈۋېلىشى» نى چۈشەنمەك قىيىن. بىر كىت بەختسىزلىككە ئۇچراپ، تېيىز سۇدا پېتىپ قالسا، باشقا نۇرغۇن كىتلار توپلىشىپ دېڭىز ساھىلىغا ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ. ئەسلىدە، كىت بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندا بىر خىل ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چىقىرىدىكەن، يېقىن ئەتراپتىكى ھەمراھلىرى بۇ خىل سىگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھىچنېمىگە پەرۋا قىلماي ھەمراھى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان يەرگە ئۈزۈپ بارىدىكەن. كىتلارنىڭ بۇ خىل قىلىقىنى ئانالىز قىلغاندا، بۇ ئۇلارنىڭ ئوخشاش تۈردىكىلەرنى قوغداش تۇغما قابىلىيىتى دېيىش ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش بولسا كېرەك.