UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىبورسۇق ۋە باشلامچى قۇش

بورسۇق ۋە باشلامچى قۇش

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھەسەلخور بورسۇق (مېللىۋورا) بىلەن باشلامچى قۇش (مومخور قۇش) بىر جۈپ ياخشى ياردەمچىلەر. ھەسەلخور بورسۇق ئادەتتە ھەسەل يېيىشكە بەك ئامراق بولۇپ، ياۋا ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك دۈشمىنى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۆتكۈر، ئالدى تىرنىقى توم، قاتتىق، كۈچلۈك بولۇپ، توپا قېزىشقا، دەرەخقە يامىشىشقا ماسلاشقان، ئۇ مەخسۇس ھەرە كۆنىكىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ تېرىسى قېلىن، قاتتىق، ئۇزۇن ھەم پاخپىيىپ كەتكەن يىرىك تۈكلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ياۋا ھەرىنىڭ چېقىۋېلىشىدىن قورقمايدۇ. باشلامچى قۇشمۇ ئادەتتە ياۋا ھەرە كۆنىكىنى ئىزدەش بىلەن ئالدىراش يۈرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى ھەسەل بولماستىن، بەلكى ھەرە كۆنىكىنى تۈزگۈچى سېرىق موم. لېكىن، ئۇنىڭ ھەرە كۆنىكىنى بۇزۇشقا قۇدرىتى يەتمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەسەلخور بورسۇقنى ياردەمچىلىككە چاقىرماي ئامالى يوق. ياۋا ھەسەل ھەرىلىرى ئۇۋىسىنى كۆپىنچە ئېگىز دەرەخقە سالىدۇ، ھەسەلخور بورسۇق ئۇنى ئاسانلىقچە تاپالمايدۇ. شۇڭا، كۆزى ئۆتكۈر باشلامچى قۇش دەرەختىكى ھەرە كۆنىكىنى بايقىغان ھامان دەرھال بېرىپ ھەسەلخور بورسۇقنى ئىزدەيدۇ. باشلامچى قۇش ھەسەلخور بورسۇقنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن قاناتلىرىنى پالاقلىتىپ، بەدىنى بىلەن ئۆزگىچىلا ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەسەلخور بورسۇقنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان «تاتا» دېگەن ئاۋازنى چىقىرىدۇ. ھەسەلخور بورسۇق سىگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئالدىراپ - تېنەپ يېتىپ كېلىپ، دەرەخقە يامىشىدۇ. باشلامچى قۇش بولسا بىر ياندا تۇرۇپ ھەسەلخور بورسۇقنىڭ ھەرە كۆنىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەسەل ھەرىلىرىنى قوغلىۋېتىپ، ھەسەلنى يەپ بولۇشىنى كۈتىدۇ. ھەسەلخور بورسۇق ھەسەلنى راھەتلىنىپ يەپ كېتىپ قالغاندىن كېيىن، نۆۋەت باشلامچى قۇشقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا باشلامچى قۇش ھەرە كۆنىكىدىكى سېرىق مومنى يەپ ھۇزۇرلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى