ھەرىقۇش
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھەرىقۇش (بىر توغرام) دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك قۇش بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى ھەسەل ھەرىسىچىلىك كېلىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، ئېغىرلىقى ئاران2 گرام ئەتراپىدا چىقىدۇ. ھەرىقۇش ئاساسەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئورمانلىرىغا تارقالغان. ھەرىقۇش ھەسەل يىغىش ۋاقتىدا ھەسەل ھەرىسىدەك «غۇڭ - غۇڭ» ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى «ھەرىقۇش» دەپ ئاتىغان.
ھەرىقۇشنىڭ تەخمىنەن300 دىن ئارتۇق تۈرى بار، پەيلىرى قارا، يېشىل، سېرىق قاتارلىق ئون نەچچە خىل رەڭدە بولىدۇ، كۆرۈنۈشى ئىنتايىن چىرايلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەۋلىيا قۇش»، «قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز»، «ئورمان پەرىشتىسى» ۋە «گۈلتاجى» دېگەندەك ئىسىملىرى بار.
ھەرىقۇشنىڭ تېنى كىچىك، نازۇك، پەيلىرى چىرايلىق، ئىنتايىن يۇقىرى ئۇچۇش ماھارىتىگە ئىگە. قاناتلىرى ئىنتايىن چاققان بولۇپ، سېكۇنتىغا50 ~70 قېتىم تەۋرىنەلەيدۇ، ئۇچۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى50 كىلومېتىرغا، ئۇچۇش ئېگىزلىكى4 −5 مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ. كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازىنىلا ئاڭلاپ، ئۆزىنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ھەرىقۇشنىڭ يۈرىكى مىنۇتىغا615 قېتىم سوقىدۇ. ئۇ تېز ئۇچۇپلا قالماستىن، يەنە يىراق مۇساپىگە ئۇچالايدۇ. قىزىل كۆكرەكلىك ھەرىقۇش ئۆركەشلەپ تۇرغان مېكسىكا قولتۇقىدىن ھەريىلى ئىككى قېتىم ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، توختىماي800 كىلومېتىر ئۇچالايدۇ.
ھەرىقۇش گۈل - چېچەكلەر راسا ئېچىلغان، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەر باراقسان بولۇپ ئۆسكەن مەزگىلدە سىرتقا چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، گۈل شىرنىسى ۋە كىچىك ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. تۇمشۇقى خۇددى يىڭنىگە ئوخشاش ئىنچىكە ئۇزۇن، ئىنچىكە تىلىمۇ ئەركىن سوزۇلۇپ قىسقىرىيالايدۇ. گۈل شىرنىسىنى يىغىش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن ئۇزۇن تۇمشۇقى بىلەن گۈلنىڭ ئاتىلىق - ئانىلىقلىرىنى ئىككى تەرەپكە ئايرىيدۇ، ئاندىن تىلىنى تىقىپ تاتلىق گۈل شىرنىسىنى شورايدۇ. ئۇ دائىم چايگۈل، سوغىگۈل، پانۇسگۈل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇ، تەبىئەتتىكى تىرىشچان ئەمگەكچى ھېسابلىنىدۇ.
ھەرىقۇش دەرەخ شېخىغا چاڭگا ياسايدۇ، چاڭگىسىنىڭ ياسىلىشى ئۆزگىچە، سىپتە بولۇپ، يىپسىمان نەرسىلەر بىلەن توقۇپ چىقىدۇ، قارىماققا دەرەخ شېخىغا ساڭگىلىتىپ ئېسىپ قويغان كىچىك رۇمكىغا ئوخشايدۇ. چىشى ھەرىقۇش ھەر قېتىم1 −2 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمىنىڭ چوڭلۇقى پۇرچاق دىنىچىلىك كېلىدۇ، ئېغىرلىقى ئاران5 .0 گرام چىقىدۇ، ھەرىقۇشنىڭ تەخمىنەن200 تۇخۇمى ئادەتتىكى توخۇنىڭ بىر تۇخۇمىچىلىك چوڭلۇقتا بولىدۇ. تۇخۇمىنىڭ باسۇرۇلۇش ۋاقتى14 ~19 كۈن. چۈجىسى تۇخۇمدىن چىقىپ20 كۈندىن كېيىن چاڭگىدىن ئۇچۇپ چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، دالىدا مۇستەقىل ياشاشقا باشلايدۇ.
ھەرىقۇش ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ترىنىداد ۋە توباگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت قۇشى بولۇپ، شۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان روھىنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ.