توكلۇق يىلانبېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئامازون دەرياسى ۋە گۋىئانا دەرياسىدا ياشايدىغان توكلۇق يىلانبېلىق تېنىنىڭ شەكلى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ، يىلانبېلىققا ناھايىتى ئوخشايدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى2 مېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى20 كىلوگرام، تېنىنىڭ سىرتقى يۈزى سىلىق، تەڭگىچىلىرى يوق، دۈمبە قىسمى قارا، قورساق قىسمى قىزغۇچ سېرىق، دۈمبە ئۈزگۈچىسى ۋە قورساق ئۈزگۈچىسى بولمايدۇ، ساغرا ئۈزگۈچىسى ئالاھىدە ئۇزۇن بولۇپ ئاساسلىق سۇ ئۈزۈش ئەزاسىدۇر.
توكلۇق يىلانبېلىق بېلىقلار ئىچىدە توك چىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك تاتلىق سۇ بېلىقى بولۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان توك بېسىمى300 ۋولت، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا800 ۋولتقا يېتىدۇ. كىشىلەر سۇدا3 ~6 مېتىر دائىرىدە توكلۇق يىلانبېلىق قويۇپ بەرگەن توك بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا توك سوقۇپ ھوشىدىن كېتىدۇ ھەتتا سۇغا چۆكۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ سۇدىكى «يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى» دېگەن نامى بار.
توكلۇق يىلانبېلىقنىڭ توك چىقىرىش ئەزاسىنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى توكلۇق سىكاتى بېلىقنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنى ئۇمۇ نۇرغۇنلىغان ئېلېكتر پلاستىنكىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭ توك چىقىرىش ئەزالىرى تېنىنىڭ ئىككى يېنىدىكى مۇسكۇللارغا تارقالغان. تېنىنىڭ قۇيرۇق ئۇچى مۇسبەت قۇتۇپ، باش قىسمى مەنپىي قۇتۇپ بولۇپ، توك ئېقىمى قۇيرۇق قىسمىدىن باش قىسمىغا ئاقىدۇ. توكلۇق يىلانبېلىقنىڭ باش قىسمى ۋە قۇيرۇقى دۈشمىنىگە تېگىپ كەتسە ياكى غىدىقلىنىپ تەسىرگە ئۇچرىسا كۈچلۈك توك ئېقىمى ھاسىل بولىدۇ. توكلۇق يىلانبېلىقنىڭ توك چىقىرىشى ئاساسلىقى ياشاش ئېھتىياجى ئۈچۈندۇر. چۈنكى، توكلۇق يىلانبېلىق باشقا بېلىقلارنى ۋە سۇدا ياشايدىغان جانلىقلارنى تۇتۇپ يېيىشى كېرەك، توك قويۇپ بېرىش ئوۋغا ئېرىشىشتىكى بىر خىل ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قويۇپ بەرگەن ئېلېكتر مىقدارى ئۆزىدىن كىچىك ھايۋانلارنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈۋېتەلەيدۇ. بەزىدە يەنە ئۆزىدىن چوڭ ھايۋاننىمۇ سوقۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. مەسىلەن، دەريادىن ئۆتمەكچى بولغان ئات ۋە سۇ ئۈزۈپ ئۆتمەكچى بولغان كالىنىمۇ توكلۇق يىلانبېلىقنىڭ توكى سوقۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋېتىدۇ.
توكلۇق يىلانبېلىقنىڭ گۆشى تەملىك، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول، گەرچە ئۇ كۈچلۈك توك ئېقىمى قويۇپ بېرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۇنى تۇتۇش ئامالى بار. ئۇلار توكلۇق يىلانبېلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز توك چىقارغاندىن كېيىن بىر مەزگىل دەم ئالغاندىلا ۋە مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ئوزۇقلانغاندىلا ئاندىن ئەسلىدىكى توك قويۇپ بېرىش كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر توپ ئات، كالىنى سۇغا ھەيدەپ توكلۇق يىلانبېلىقلارنى غەزەپلەندۈرۈپ توك قويۇپ بەرگۈزۈپ، چارچاپ ھالىدىن كەتكەندە ئاندىن بىۋاسىتە تۇتىدۇ.