UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىتوكلۇق سىكاتى بېلىقى

توكلۇق سىكاتى بېلىقى

ھايۋاناتلار دۇنياسى دۇنيانىڭ سۇبتروپىك بەلۋاغلىرىدىكى نۇرغۇن دېڭىز ياقىلىرىدا كىشىلەر پىچاقتەك ئىتتىك، گىرەلىشىپ كەتكەن خادا تاشلار ئارىسىدىن ھەر خىل كىچىك ھايۋانلارنى ئىزدەۋېتىپ بەزىدە پۈتۈن بەدىنىنىڭ خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك توساتتىن ئۇيۇشۇپ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل توكنى يېقىن ئەتراپتىكى سۇدىكى توكلۇق سىكاتى بېلىقى (ناركوز بېلىق) قويۇپ بېرىدۇ. توكلۇق سىكاتى بېلىقى50 ئامپېرلىق توك ئېقىمى چىقىرىدۇ، توك بېسىمى60 ~80 ۋولت بولىدۇ، ئۇنىڭ دېڭىزدىكى «تىرىك ئېلېكتر ئىستانسىسى» دېگەن نامى بار. توكلۇق سىكاتى بېلىقى سېكۇنتىغا50 قېتىم توك قويۇپ بېرىدۇ، لېكىن داۋاملىق توك قويۇپ بېرىۋەرگەندىن كېيىن توك ئېقىمى تەدرىجىي ئاجىزلاپ كېتىدۇ،10 ~15 سېكۇنتتىن كېيىن تامامەن يوقىلىپ كېتىدۇ، بىرئاز دەم ئالغاندىن كېيىن توك قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ. توكلۇق سىكاتى بېلىقى توكنى قانداق قويۇپ بېرىدۇ؟ ئەسلىدە ئۇنىڭ كۆكرەك ئۈزگۈچىسىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە بىردىن مۇسكۇللارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان توك چىقىرىش ئاپپاراتى بولىدۇ. ھەربىر توك چىقىرىش ئاپپاراتى نۇرغۇنلىغان تۇرۇبىسىمان ئالاھىدە ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان ئېلېكتر پلاستىنكىلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنىدۇ، ھەر ئىككى تۇرۇبىسىمان ھۈجەيرە ئارىلىقىدا بىر قەۋەت يېلىمسىمان ماددا توك ئۆتكۈزمەي ئايرىپ تۇرىدۇ. ئېلېكتر پلاستىنكىسىنىڭ بىر تەرىپى بىرقەدەر سىلىق بولىدۇ، ئۇنىڭغا نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى تارقالغان بولۇپ، مۇسبەت قۇتۇپنى شەكىللەندۈرىدۇ، يەنە بىر تەرىپى ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، نېرۋا ئۇچلىرى بولمىغان مەنپىي قۇتۇپنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل تۈزۈلۈش باتارېيىگە ئوخشايدۇ. توكلۇق سىكاتى بېلىقى مۇشۇنداق توك قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ كۈشەندىلىرىگە قارشى تۇرۇپ ئۆزىنى قوغدايدۇ، كىچىك بېلىقلارنى توك بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن يەيدۇ. توكلۇق سىكاتى بېلىقىنىڭ توك قويۇپ بېرىش خۇسۇسىيىتى كىشىلەرنى توك ساقلىيالايدىغان باتارېيە كەشىپ قىلىشقا ۋە ياساشقا ئىلھاملاندۇردى. كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان قۇرۇق باتارېيىنىڭ مۇسبەت - مەنپىي قۇتۇپ ئارىلىقىدىكى يېلىمسىمان تولۇقلىما ماددا توكلۇق سىكاتى بېلىقىنىڭ توك چىقىرىش ئاپپاراتىدىكى يېلىمسىمان ماددىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىلغان.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
توكلۇق سىكاتى بېلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki