UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىقۇلۇلە قاپلىق قىسقۇچپاقا ۋە دېڭىز ئاپتاپپەرىسى

قۇلۇلە قاپلىق قىسقۇچپاقا ۋە دېڭىز ئاپتاپپەرىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى قۇلۇلە قاپلىق قىسقۇچپاقا بىلەن دېڭىز ئاپتاپپەرىسى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ياشايدىغان بىر جۈپ ھەمراھ. قۇلۇلە قاپلىق قىسقۇچپاقىنىڭ باش، كۆكرەك قاسىرىقى بىرقەدەر تار بولۇپ، ئۆزىنىڭ يۇمشاق قورساق قىسمىنى قاپلىيالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ بوش قاپچۇقى ئىچىگە كىرىۋېلىپ، باش قاسىرىقى بىلەن ئىككى چوڭ قىسقۇچ پۇتىنى سىرتىغا چىقىرىۋالىدۇ ھەمدە ئالدىغا ئىككى جۈپ ئۇزۇن ئىنچىكە مېڭىش پۇتىنى چىقىرىپ ئۆمىلەپ ماڭىدۇ. قۇلۇلە قاپلىق قىسقۇچپاقا ماكانلىشىۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ئىشىك باقىدىغان دەرۋازىۋەن ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئۇ، بىر خىل مۇۋاپىق دېڭىز ئاپتاپپەرىسىنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى يېپىشىپ تۇرغان جىسىمدىن ئېھتىيات بىلەن چىقىرىۋېلىپ، قۇلۇلە قېپىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشىككە قارىتىدۇ. دېڭىز ئاپتاپپەرىسى ئەڭ لاياقەتلىك دەرۋازىۋەن بولۇپ، ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلغان ھەرقانداق ھايۋاننى زەھەرلىك سېزىش قولى بىلەن چېقىپ، قۇلۇلە قاپلىق قىسقۇچپاقىنى قوغدايدۇ. پارازىت قىسقۇچپاقا ھەرىكەت قىلىشتا قىينىلىدىغان دېڭىز ئاپتاپپەرىسىنى يۈدۈپ يۈرۈپ، ئوزۇقلۇق تۇتۇپ، ھالاۋەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان دېڭىز ئاپتاپپەرىسى ئۆزىنىڭ ئاشۇ دوستىنى قاتناش قورالى قىلىدۇ. بۇنداق شەكىلدىكى ئورتاقلىشىپ ياشاش ھەرىكەتتىكى ئورتاقلىشىپ ياشاش دەپ ئاتىلىدۇ. دېڭىز ئاپتاپپەرىسى قۇلۇلە قاپلىق قىسقۇچپاقا تېنىدە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق تۇتۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «قورسىقى» دىكى سۇنى تېزلىكتە ئالماشتۇرۇۋېتەلەيدۇ. چۈنكى، دېڭىز ئاپتاپپەرىسى مارجانلارغا ئوخشاش قوزغىلىپ ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا قۇم قاتارلىق نەرسىلەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېقىن سۇغا موھتاج بولىدۇ. قۇلۇلە قاپلىق قىسقۇچپاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى «كونا ئۆيى» تارلىق قىلغاندا، يەنە بىر چوڭراق «ئۆي» ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ. ئۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە، ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۇنتۇپ قالماي بىللە كۆچۈرۈپ كېلىپ، قايتىدىن ئورتاقلىشىپ ياشاشنى باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى