سەمەندەر
ھايۋاناتلار دۇنياسى
سەمەندەر بالا بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بېلىق ئەمەس، بەلكى جۇڭگودىن چىقىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قوش ماكانلىق ھايۋان. ئۇ بېلىققا ئوخشاش سۇدا ياشايدىغانلىقى، ئاۋازى خۇددى بوۋاق بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن بالا بېلىق دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئىلمىي نامى جۇڭگو سەمەندىرى بولۇپ، قوش ماكانلىق ھايۋانغا تەۋە.
سەمەندەرنىڭ بېشى كەڭ، ياپىلاق، كۆزى كىچىك، ئاغزى چوڭ، تېنى توم سېمىز، قۇيرۇقى ئۇزۇن ياپىلاق، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى8 .1 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن50 كىلوگرام چىقىدۇ. تېنىنىڭ سىرتقى يۈزى بىرقەدەر سىلىق، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بەزلىرى، ئۇششاق سۆگەلچىلىرى بار، دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى قوڭۇر، ئارىلاپ قارا داغلىرى بار. پۇتلىرى قىسقا، ئالدى پۇتىنىڭ بارمىقى تۆت، ئارقا پۇتىنىڭ بارمىقى بەش، سۇ ئۈزگەندە ئالدى - ئارقا پۇتلىرىنى تېنىنىڭ يان تەرىپىگە مەھكەم يېپىشتۇرۇۋالىدۇ. بەدىنىنى ئېگىپ ھەرىكەتلىنىدۇ ۋە قۇيرۇقىغا تايىنىپ ئالدىغا ئىلگىرىلەيدۇ.
سەمەندەر دېڭىز يۈزىدىن200 ~1600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونلاردىكى ئېقىن سۇلاردا ياشايدۇ. كۈندۈزى سۇ كىرىپ - چىقىپ تۇرىدىغان ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، كەچكە يېقىن ياكى كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىش دائىرىسى كەڭ، بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا، يىلان، قۇش ۋە پاقا قاتارلىق ھايۋانلارنى ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ. لېكىن، تاڭلاي چىشىدا پەقەتلا ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، چايناش فۇنكسىيىسى بولمايدۇ. شۇڭا، ئوۋنى تۇتۇۋالغاندا ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ يۇتۇۋېتىپ، ئاندىن ئاشقازىنىدا ئاستا - ئاستا ھەزىم قىلىدۇ. ئۇ بەزىدە بىر پاقىنى يۇتۇۋالسا ئون نەچچە كۈنگىچە ھەزىم قىلىپ بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
ياز پەسلى سەمەندەرنىڭ تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلى. چىشى سەمەندەر يىلدا بىر قېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا400 −500 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمىنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق بولۇپ، يېلىم ماددىلىق خالتىلار ئارقىلىق بىر - بىرى بىلەن تۇتۇشۇپ، تەسۋىسىمان تۇخۇم لېنتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چىشى سەمەندەر تۇخۇم تۇغۇپ بولۇپ كېتىپ قالىدۇ، تۇخۇم ۋە بالىلىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەركەك سەمەندەر ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. ئەركەك سەمەندەر تۇخۇمنى قوغداش ئۈچۈن تەسۋىسىمان تۇخۇم لېنتىسىنى تېنىگە ئورىۋالىدۇ ياكى ئۆزى يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە تۈگۈلۈۋېلىپ، تاشقا يېپىشىپ قالغان تۇخۇم لېنتىسىنى ئورىۋېلىپ باسۇرىدۇ.2 -3 ھەپتىدىن كېيىن بالا سەمەندەر دۇنياغا كېلىدۇ. ئەركەك سەمەندەر ئاتىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداپ بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆڭكۈردىن ئايرىلىدۇ.
سەمەندەردە تەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، قىش پەسلىدە سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالماي چوڭقۇر سۇغا ياكى ئۆڭكۈرگە كىرىۋېلىپ، يېمەي - ئىچمەي قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى يىلى3 −4 - ئايلاردا ھاۋا ئىسسىغاندا ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ھەرىكەت قىلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.
سەمەندەر ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. ئۇ، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە جۇغراپىيىلىك تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىشتا يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ۋە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە. دۆلەت بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.