UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىديۇگون

ديۇگون

ھايۋاناتلار دۇنياسى ديۇگون دېڭىز - ئوكياندا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، دېڭىز كالىسىنىڭ بىر تۈرى، «سۇ پەرىسى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. ديۇگون مورفولوگىيىلىك جەھەتتە ئادەمگە ئوخشايدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئادەم ئەمەس، بېلىققا ئوخشايدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بېلىق ئەمەس. لېكىن، ئۇنىڭ بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئېمىتىشى ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇمۇ كىتكە ئوخشاش ئىلگىرىكى يىللاردا قۇرۇقلۇقتا ياشايتتى. قۇرۇقلۇقنىڭ دېڭىز - ئوكيانغا ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ديۇگونمۇ سۇدا ياشايدىغان بولغان. مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇنىڭ تېنى ئۆزگىرىپ بېلىققا ئوخشاپ قالغان، ئالدى پۇتى ئۆزگىرىپ ئۈزگۈچىگە ئايلانغان، ئارقا پۇتى رودىمېنتلاشقان، قۇيرۇقى بېلىقنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاپ قالغان، لېكىن چىشى ديۇگوننىڭ كۆكسىدە تومپىيىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ چوڭ ئەمچىكى بولىدۇ. چىشى ديۇگون بالا ئېمىتىش ۋاقتىدا كۆكرەك ئۈزگۈچىسىگە ئايلانغان بىر ئالدى پۇتى بىلەن بالىسىنى قۇچاقلىۋېلىپ ئېمىتىدۇ، يەنە بىر ئالدى پۇتى بىلەن سۇ ئۈزۈپ، سۇ يۈزىدە لەيلەپ، بىر تەرەپتىن بالىسىنى ئېمىتسە، يەنە بىر تەرەپتىن نەپەس ئالغۇزىدۇ. ديۇگون بالا تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ. بالا ديۇگون تۇغۇلۇپلا سۇ ئۈزۈشنى بىلىدۇ، تاكى مۇستەقىل ياشىيالىغىچە ئانىسىغا ئەگىشىپ ياشايدۇ. ديۇگون تېيىز دېڭىز قولتۇقلىرىدا ياشايدۇ، بەزىدە دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى رايونلارغىمۇ كېلىدۇ. ئۇلار دېڭىزدا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، چوڭ - چوڭ توپ بولۇپ ياشايدۇ. ئۇلار ئادەتتە تاڭ سەھەردە ياكى كەچ كىرگەندە سۇ يۈزىگە چىقىدۇ، كۈندۈزى30 −40 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تېيىز دېڭىز ئاستىدا ئارام ئالىدۇ. ديۇگون ھىندى ئوكيان ۋە جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىغا تارقالغان. تاماشا قىلىش قىممىتىدىن باشقا، ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى