زىخچە بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
زىخچە بېلىق (ئامفىئوكس بېلىقى) لانىست بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋانلار ئىچىدىكى بىر خىل ئەتىۋارلىق گۆھەر. ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ500 مىليون يىللار ئىلگىرىلا پەيدا بولغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە قەدىمكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئىپتىدائىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئۇ، بېلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى تىرىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى.
زىخچە بېلىق پەقەت جۇڭگونىڭ فۇجيەن، چىڭداۋ، تەيۋەن قاتارلىق جايلىرىغىلا تارقالغان، يەنە كېلىپ فۇجيەننىڭ تۇڭئەن ناھىيىسىدىكى ليۇۋۇديەن دېگەن جايدىكىسى ئەڭ مەشھۇر.
زىخچە بېلىق تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى3 ~5 سانتىمېتىر، شەكىل تۈزۈلۈشى ناھايىتى غەلىتە، تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن ھەم يان ياپىلاق، ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق بولۇپ، كىچىك ئەپكەشكە ئوخشايدۇ. پۈتۈن تېنى شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدە، يېرىم سۈزۈك، پاراللېل جايلاشقان تال - تال مۇسكۇللىرىنى سىرتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. تەڭگىچىلىرى، جۈپ ئۈزگۈچىلىرى، ئومۇرتقا سۆڭىكى بولمايدۇ. »يۈرىكى« پەقەتلا بىر تال سوقۇش رولى بار قورساق ئارتېرىيىدىن ئىبارەت، كۆزى، قۇلىقى، بۇرنى قاتارلىق سېزىش ئەزالىرىمۇ بولمايدۇ، ھەزىم قىلىش ئەزاسىمۇ دىففېرېنسىيىلەنمىگەن. ئاغزى ۋە يۇتقۇلۇقىدىن باشقا بىر تال تۈز ئۈچىيى مەقئەتكە تۇتاشقان.
زىخچە بېلىق دائىم دېڭىز دولقۇنىغا ئەگىشىپ ئۈزۈپ، دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى تېيىز دېڭىز ئاستىغا كېلىدۇ، ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولمايدۇ، لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تۇپراققا كولاپ كىرىش ماھارىتى بولىدۇ، ئومۇمەن،2 -3 يىل ياشايدۇ. ئۇ تېنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەر دائىم لاتقا قۇمغا كۆمۈۋېلىپ، ئاران ئالدىنقى يېرىم قىسمىنىلا لاتقا قۇمنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋالىدۇ، دەريا سۈيىدە ئېقىپ كەلگەن لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. كۆپىيىش پەسلىگە كەلگەندە جۈپ - جۈپ بولۇپ لاتقا قۇمدىن چىقىپ، ئۆزئارا ئوينىشىپ ئۈزۈشۈپ، چېتىشىدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىقى ئايرىم تەندە بولىدۇ، كۆپىيىش ھۈجەيرىسى يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، تەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، سۇدا ئۇرۇقلىنىپ، يېتىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇمى ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېتىلىپ ئەركىن ئۈزەلەيدىغان بېلىجانغا ئايلىنىدۇ، ئۈچ ئايدىن كېيىن چوڭىيىپ يېتىلىدۇ، كۆپىيىش سىستېمىسى بىر يىلدىن كېيىن تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ.
بىئولوگىيە ئالىملىرى زىخچە بېلىقنى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارغا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۆتكۈنچى تۈر بولۇپ، بېلىقلارنىڭ ئەجدادى، لېكىن بېلىقلارغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ، ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.