UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىجەننەت قۇشى

جەننەت قۇشى

ھايۋاناتلار دۇنياسى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، جەننەت قۇشى بىرخىل مۇقەددەس قۇش بولۇپ، ئۇ «جەننەت شادلىق باغچىسى» دا ياشاپ جەننەتنىڭ نازۇ نېمەتلىرىنى يەيدىكەن، ئۇچقاندا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مۇزىكا ئاۋازى چىقىرىدىكەن. شۇڭا، جەننەت قۇشى، قۇياش قۇشى، شامال قۇشى، بۇلۇت قۇشى دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتالغانىكەن. جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پاپۇئا يېڭى گۋىنېيىسى دۇنياغا مەشھۇر بولغان جەننەت قۇشىنىڭ ئاساسلىق ماكانىدۇر. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيا بويىچە جەننەت قۇشىنىڭ40 تىن ئارتۇق تۈرى بار بولۇپ، پاپۇئا يېڭى گۋىنېيىسىدىلا30 تۈرى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرى كۆك جەننەت قۇشى، پۇتسىز جەننەت قۇشى ۋە شاھى جەننەت قۇشى ئىكەن. جەننەت قۇشىنىڭ باش قىسمى سارغۇچ يېشىل، پۈتۈن تېنى چىرايلىق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، بولۇپمۇ بىر جۈپ ئۇزۇن قۇيرۇق پېيى تېخىمۇ مەپتۇن قىلارلىق بولۇپ، كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدۇ. ئەركەك كۆك جەننەت قۇشى جورا ئىزدەش ۋاقتىدا، چىشى قۇشنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن بېشىنى كۆتۈرۈپ دۈمچىيىپ، تېنىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ساپسېرىق پەيلىرىنى تىك كۆتۈرىدۇ ياكى دەرەخ شېخىغا دۈم بولۇپ ئېسىلىۋېلىپ، پۈتۈن تېنىدىكى يۇمشاق پەيلىرىنى پالاق - پالاق قىلىپ ئاچىدۇ. «پۇتسىز جەننەت قۇشى» نىڭ پۇتى راستتىنلا يوق ئەمەس، بەلكى پۇتى قىسقىراق بولۇپ، ئۇچقاندا ئۇزۇن پەيلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرگە كۆرۈنمەيدۇ. پۇتسىز جەننەت قۇشىنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەن ئۇزۇنلۇقىدىن2 −3 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. شۇڭا، ئۇزۇن قۇيرۇق جەننەت قۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شاھ جەننەت قۇشىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، باشقا جەننەت قۇشلىرىغا قارىغاندا خېلىلا قىسقا. ئۇ مۇھەببەتكە ئىنتايىن سادىق بولۇپ، مۇبادا ھەمراھىدىن ئايرىلىپ قالسا ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. شاھ جەننەت قۇشىنىڭ مىجەزى غەلىتە بولۇپ، باشقا جەننەت قۇشلىرى بىلەن بىر يەردە ياشاشنى خالىمايدۇ. باشقا جەننەت قۇشلىرى كۆچىدىغان ۋاقىتتا، ئۇمۇ ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا «يول باشلىغۇچى» لىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. جەننەت قۇشى پاپۇئا يېڭى گۋىنېيىسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، دۆلەت گېربى، خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ۋە ھەر خىل خاتىرە بۇيۇملىرىدا ئۇنىڭ ئوبرازىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
جەننەت قۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki