ياۋا غاز
ھايۋاناتلار دۇنياسى
«ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا غازلار ئۇچۇشار، جەنۇبقا بېرىپ قىرو توشۇشار». ھەر يىلى تاۋۇز چاغىنىنىڭ ئالدى - كەينىدە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە سىبىرىيە ئەتراپىدا ياشايدىغان ياۋا غازلار توپ - توپ بولۇپ جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇپ جەنۇبىي جۇڭگونىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ھەۋزىسى ياكى جۇجياڭ دەرياسى ھەۋزىسىگە كۆچۈپ بېرىپ قىشلايدۇ. ئىككىنچى يىلى باھاردا يەنە شىمالغا قايتىدۇ.
ياۋا غازلار كۆچكەندە ئۇزۇنىغا قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ ياكى «八» شەكلىدە تىزىلىپ سەپ تۈزىدۇ، بۇ خىل تىزىلىش ئۇسۇلى ياۋا غازلارنىڭ ئۇچۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، ئالدىدا ئۇچقان ياۋا غاز قانىتىنى بىرقانچە قېتىم قاققاندا ھاۋا ئېقىمى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، ئۇنىڭ ئارقىدىكى ياۋا غاز بۇ خىل ھاۋا ئېقىمىنىڭ ياردىمى بىلەن سىيرىلىپ ئۇچىدۇ. بۇنداق بولغاندا غازلار توپىنىڭ ئۇچۇشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ سەرپىياتىمۇ ئازىيىدۇ.
ياۋا غازنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى60 ~90 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ياۋا غازلار توپى كۆچۈش جەريانىدا كۈندۈزى ئۇچۇپ، كېچىسى ئارام ئالىدۇ. ياۋا غازلار توپى ھەر كۈنى كەچكە يېقىن قومۇشلۇق كۆللەرگە ياكى دەريا بويىدىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا قونۇپ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى يەپ قورساق تويغۇزىدۇ، ئېتىزلىقتىكى زىرائەت مايسىلىرىنىمۇ يەيدۇ. قورسىقىنى تويغۇزۇپ شۇ ئورۇندا ئارام ئالىدۇ، بىرقانچە ياۋا غاز قاراۋۇللۇق قىلىپ، مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. بىرەر شەپە بولسىلا، ئۇلار غاقىلداپ، سىگنال بېرىدۇ، غازلار توپى خەۋەر تاپقان ھامان ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە باشلامچى غاز يول باشلايدۇ. ياش غازلار ئۇنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىپ ئۇچىدۇ، قېرى غازلار سەپنى نازارەت قىلىپ ئۇچىدۇ، مۇشۇنداق قىلىپ ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ياۋا غازلار1 −2 ئاي ئۇزۇن مۇساپىلىك سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن قىشلايدىغان جايغا بارالايدۇ.
شىمال تەرەپ ياۋا غازلارنىڭ كۆپىيىدىغان جايى، ئۇلار سازلىق، قومۇشلۇقلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە شۇ جايلارغا ئۇۋا ياساپ تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەربىر ئۇۋىغا5 −10 تال تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمنى چىشى ياۋا غاز باسۇرىدۇ. چۈجىلىرى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ سۇغا چۈشۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ياۋا غازلار ئادەتتە كۆللەرنىڭ تېيىز ساھىلىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. سۇدا ياشايدىغان ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئاز مىقداردا يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىمۇ يەيدۇ.
ياۋا غازنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۇ، ئۆي غېزىنىڭ ئەجدادى.