UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىلەيلىگەك

لەيلىگەك

ھايۋاناتلار دۇنياسى لەيلىگەكنىڭ يېتىلگەن قۇرتىنىڭ ئۆمرى كۆپىنچە بىر كۈنگىمۇ بارمايدۇ. ئادەتتە بىرقانچە سائەت ياشاپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. لەيلىگەكنىڭ يېتىلگەن قۇرتىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولغىنى بىلەن لىچىنكىسىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. لەيلىگەكنىڭ يېتىلگەن قۇرتى چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن، تۇخۇمىنى سۇغا سالىدۇ. لىچىنكىسى سۇدا1 ~3 يىلغىچە ياشىغاندىن كېيىن كەنجى يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىپ، سۇ يۈزىگە چىقىپ قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. لەيلىگەك بىرقەدەر قەدىمىي ھاشارات بولۇپ،300 مىليون يىللارنىڭ ئالدىدىلا پەيدا بولغان. دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۈرى2000 ئەتراپىدا بولۇپ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ تېنى ئاجىز، ئىنچىكە ئۇزۇن؛ بېشى كىچىك، مۇرەككەپ كۆزى چوڭ؛ ئىككى جۈپ قانىتى پەردىلەشكەن بولۇپ ئاجىز، ناھايىتى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ؛ پۇتلىرى ئىنچىكە ئاجىز بولۇپ، مېڭىشقا ئىشلەتمەي پەقەت دەم ئالغاندىلا يامىشىپ تۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. لەيلىگەكنىڭ لىچىنكىسى ئادەتتە كۈن پاتقاندىن كېيىن قانات چىقىرىپ كەنجى لىچىنكىغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى تېنى يېتىلگەن قۇرتنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما پۈتۈن تېنى يېرىم سۈزۈك نېپىز پەردىگە ئورىلىپ تۇرغاچقا، بىرئاز تۇتۇق كۆرۈنىدۇ، قانىتىمۇ تۇتۇق، جانلىق ئەمەس، چېتىشالمايدۇ. ئاخىرقى بىر قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن قانىتى سۈزۈك، رەڭگى ئوچۇق يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ، بۇ خىل ھادىسە ھاشاراتلارغىلا خاس ئالاھىدىلىكتۇر. يېتىلگەن قۇرت مەزگىلىدە يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ، پەقەتلا چېتىشىپ تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. كۆپلىگەن لەيلىگەك تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن كۆل بويىدا ئۆلۈپ قالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن يوللار سىلىقلىشىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ مېڭىشىغا دەخلى قىلىدۇ. تۇخۇمى سۇدا لىچىنكىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئادەتتە20 ~24 قېتىم قاسىراق تاشلايدۇ، قاسىراق تاشلاش كۆپ بولغاندا40 قېتىمغا يېتىدۇ. لەيلىگەكنىڭ لىچىنكىسى بېلىقلارنىڭ مەززىلىك يېمەكلىكى. لەيلىگەكنىڭ ئاغزى رودىمېنتلىشىپ بىرنەرسە يېيەلمەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
لەيلىگەك | UyghurWiki | UyghurWiki