بۇرۇتلۇق چوڭ راك
ھايۋاناتلار دۇنياسى
بۇرۇتلۇق چوڭ راك تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە20 ~40 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى5 .0 كىلوگرام ئەتراپىدا. بۇرۇتلۇق چوڭ راكنىڭ دۆلىتىمىزدە سەككىز تۈرى بار، ئەڭ چوڭى گۈزەل چوڭ راك بولۇپ، ئېغىرلىقى5 كىلوگرامغا يېتىدۇ.
بۇرۇتلۇق چوڭ راك بۇرۇتلۇق چوڭ راك ۋە قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راك دەپ ئىككى چوڭ تۈركۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇرۇتلۇق چوڭ راك تامامەن دېڭىزدا ياشايدۇ. قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راكنىڭ دېڭىزدا ياشايدىغانلىرىمۇ، تاتلىق سۇدا ياشايدىغانلىرىمۇ بار. دېڭىزدا ياشايدىغان قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راك دېڭىز راكى دەپ ئاتىلىدۇ، تاتلىق سۇدا ياشايدىغىنى چوڭ باش راك دەپ ئاتىلىدۇ. چەت ئەلدە ھەممىسىنى قوشۇپ بۇرۇتلۇق چوڭ راك دەپ ئاتايدۇ.
بۇرۇتلۇق چوڭ راك ئىللىق دېڭىزنىڭ خادا تاشلىرى كۆپ بولىدىغان سۈيى تېيىز جايلىرىدا ياشايدۇ، ئاساسلىقى ھىندىستان − غەربىي تىنچ ئوكيان رايونلىرىغا تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئاستا، كۈندۈزى دېڭىز ئاستىدىكى خادا تاشلارنىڭ قىسىلچاقلىرىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. لىچىنكىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، گۆدەك تەنچىسى بىر تال يوپۇرماققا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «يوپۇرماقسىمان گۆدەك تەنچە» دەپ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماقسىمان گۆدەك تەنچە دېڭىزدا يېرىم يىلدىن ئارتۇق لەيلەپ يۈرۈپ، بىرقانچە قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن بۇرۇتلۇق چوڭ راك قىياپىتىگە كېلىدۇ. ئۇ بىر مەزگىل ئۈزۈپ ياشىغاندىن كېيىن دېڭىز ئاستىغا ماكانلىشىپ، ئۆمىلەپ يۈرۈپ ياشايدۇ.
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىي قىسمىدىن چىقىدىغان نورۋېگىيە قىسقۇچ پۇتلۇق دېڭىز راكى ۋە شىمالىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىدىن چىقىدىغان قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راكلار ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ تېنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.1934 - يىلى چوڭقۇر دېڭىزدا تور سۆرەپ بېلىق تۇتىدىغان «خېسپېر» ناملىق پاراخوت شىمالىي ئامېرىكىدىن ئۇزۇنلۇقى22 .1 مېتىر (ئىككى قىسقۇچ بۇرۇتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، ئېغىرلىقى19 كىلوگرام كېلىدىغان بۇرۇتلۇق چوڭ راكنى تۇتۇۋالغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ بوستۇن ئىلىم - پەن كۆرگەزمىخانىسىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. ئۇ دۇنيا بويىچە قولغا چۈشكەن ئەڭ چوڭ بۇرۇتلۇق چوڭ راك ھېسابلىنىدۇ.
قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راكنىڭ ئۈچ جۈپ قىسقۇچ پۇتى بولىدۇ. بىرىنچى جۈپ قىسقۇچ پۇتى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ، ئۇنى بۇرۇتلۇق چوڭ راكتىن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى ئاسان، چۈنكى بۇرۇتلۇق چوڭ راكنىڭ قىسقۇچ پۇتى بولمايدۇ. ئامېرىكا قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راكى بىلەن ياۋروپا قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راكىنىڭ قىسقۇچ پۇتىنىڭ ئېغىرلىقى تەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا تەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە توغرا كېلىدۇ. قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راك بىلەن بۇرۇتلۇق چوڭ راكنىڭ مۇھىم بىر پەرقى شۇكى، قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راكنىڭ گۆدەك تەنچىسى بىلەن يېتىلگەن تەنچىسىنىڭ پەرقى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، يەنى تۇخۇمدىن چىققان گۆدەك تەنچىسى يېتىلگەن تەنچىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ، يوپۇرماقسىمان گۆدەك تەنچە مەزگىلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ.
قىسقۇچ پۇتلۇق چوڭ راك بىلەن بۇرۇتلۇق چوڭ راكنىڭ گۆشى مەززىلىك، قاسىرىقى چىرايلىق بولۇپ، ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېڭىز تېگىدە ئۆمىلەپ ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆمىلىگۈچى راكلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ.