UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىپانۇسبېلىق

پانۇسبېلىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرىدە دائىم يۆتكىلىپ تۇرىدىغان «چىراغ» يورۇپ، تىپتىنچ دېڭىز ئاستى دۇنياسىغا ھاياتلىق پۇرىقىنى بەخش ئېتىدۇ. پانۇسبېلىق يورۇقلۇق چىقىرىدىغان نۇرغۇن بېلىقلار ئىچىدىكى بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. پانۇسبېلىقنىڭ بېشى چوڭ، قۇيرۇقى ئىنچىكە، تېنى ئۇزۇن، يان تەرەپكە ياپىلاق، تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە كۈل رەڭ نېپىز تەڭگىچىلىرى بولىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئالدى تەرىپىدە، كۆزىنىڭ ئەتراپىدا، تېنىنىڭ يان سىزىقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ۋە قۇيرۇق سېپىدا قاتار تىزىلغان ياكى توپلىشىپ جايلاشقان يۇمىلاق شەكىللىك يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى پانۇسبېلىقلارنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى ۋە تىزىلىش ئورنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتى قىزىل، كۆك، سۆسۈن نۇرلارنى تارقىتىدۇ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى بايرام كۈنلىرىدى چاقناپ تۇرىدىغان رەڭلىك چىراغلارغا ئوخشايدۇ. بەزى پانۇسبېلىقلارنىڭ قۇيرۇق قىسمىدا يورۇقلۇق چىقىرىدىغان قۇيرۇق چىراغ ئاپپاراتى بار بولۇپ، خۇددى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا چىرىغىغا ئوخشايدۇ، بەزىلىرىنىڭ باش قىسمىدا خۇددى پانۇسقا ئوخشاش يەنە ئالاھىدە چوڭ يورۇقلۇق چىقىرىش شارچىسى بولىدۇ. پانۇسبېلىقنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتى بىر توپ تېرە بەز ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىشىپ يورۇقلۇق چىقىرىش ھۈجەيرىلىرىگە ئايلىنىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان. بۇ خىل ھۈجەيرە تەركىبىدە فوسفور بولغان بىر خىل بەز سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل سۇيۇقلۇق بەز ھۈجەيرىسى ئىچىدە قاندىكى ئوكسىگېن تەرىپىدىن ئوكسىدلىنىپ، ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسىدە بىر خىل يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ، بۇ پانۇسبېلىق چىقىرىدىغان يورۇقلۇقتىن ئىبارەت. دۇنيادا پانۇسبېلىقنىڭ نەچچە يۈز تۈرى بار، ئۇلار ئومۇمەن چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىشى قاراڭغۇ چوڭقۇر دېڭىز مۇھىتىدا ياشاشتىكى بىر خىل ماسلىشىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار قاراڭغۇ چوڭقۇر دېڭىزدا يورۇقلۇق چىقىرىپ يەمچۈكلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ئۆتىدۇ، كۈشەندىلىرىنى ئازدۇرىدۇ، يات جىنستىكىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ياشىشىغا پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى