UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىتايكا توخۇسى

تايكا توخۇسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى 1952 - يىلى نەسلى50 نەچچە يىل قۇرۇپ كەتكەن، دۇنيا بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق قۇش تايكا توخۇسى يېڭى زېلاندىيىدىن قايتا بايقالدى. بۇ خەۋەر تارقالغان ھامان دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ، ھەرقايسى دۆلەت زوئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. تايكا توخۇسىنىڭ ئېگىزلىكى50 ~60 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن3 −4 كىلوگرام، پۈتۈن تېنى رەڭدار، چىرايلىق پەيلەر بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭ بېشى ۋە كۆكرەك قىسمى توق كۆك ، دۈمبە قىسمى يېشىل، تۇمشۇقى، كۆز ئەتراپى، بوينى، پاچىقى ۋە پۇتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق قىزىل؛ يول ماڭغاندا مەيدىسىنى كېرىپ، قۇيرۇقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، گىدىيىپ ماڭىدۇ. خۇددى «توخۇ ئارىسىغا كىرىپ قالغان تۇرنىدەك» كۆرۈنىدۇ. تايكا توخۇسىنىڭ بىر جۈپ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 مېتىردىن ئاشىدۇ، لېكىن ئۇچالمايدۇ، پەقەت يۈگۈرۈپ مېڭىشنىلا بىلىدۇ. تايكا توخۇسىنىڭ چىرايلىق پەيلىرى ۋە مەززىلىك يۇمشاق گۆشى ئۆزىگە بالا - قازا ئېلىپ كەلگەن. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيىلىك مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيىچى كاپىتان جامس. كوك1769 - يىلى يېڭى زېلاندىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن يېڭى زېلاندىيىنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدا كۆپلىگەن تايكا توخۇلىرى ياشايتتى. لېكىن، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يوپۇرۇلۇپ كىرىشى بىلەن، تۈركۈم - تۈركۈم تايكا توخۇلىرى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ئىزناسىنى زادىلا كۆرەلمىدى. ئەينى ۋاقىتتا، پەقەت يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئوتتايگو مۇزېيىدا، ئەنگلىيىنىڭ برىتانىيە مۇزېيىدا ۋە گېرمانىيىنىڭ درېزدىن مۇزېيىدا تايكا توخۇسىنىڭ ئارانلا بىردىن ئەۋرىشكىسى ساقلانغان بولۇپ، كىشىلەرگە كۆرگەزمە قىلىنغان. يېڭى زېلاندىيىلىك دوكتور ئوبېر تايكا توخۇسىنى تەتقىق قىلىشتا ھەممە كۈچىنى بېغىشلىغان زوئولوگىيە ئالىمى. ئۇ، باشتىن - ئاخىر توختاپ قالماي، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يوقىلىپ كەتكەن تايكا توخۇسىنى ئىزدىدى. ئۇ1952 - يىلى ئەينى ۋاقىتتا تايكا توخۇسى بايقالغان جايغا بېرىپ ئاددىي ياغاچ ئۆيدىن بىرنى ياساپ، تۆت ئەتراپتىكى ئەھۋاللارنى كېچە - كۈندۈز كۆزەتكەن. بىر كۈنى ئۇ توساتتىن زىل سايرىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ئوبېر ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ئىزدەپ ماڭىدۇ. ئاخىر يىراق بىر يەردىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدىن تۇخۇم باسۇرۇۋاتقان تايكا توخۇسىنى بايقايدۇ. ئۇ، ئۇلارنى ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي چاڭگىدىكى تۇخۇملاردىن بىرقانچە چۈجە تۇخۇم شاكىلىنى يېرىپ چىقىدۇ. تۇخۇمدىن يېڭى چىققان تايكا چۈجىسىنىڭ پۈتۈن تېنى تۇم قارا بولۇپ، كىچىك قاغىغا ئوخشايتتى. بىر مەزگىل كۆڭۈل قويۇپ باققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ پەيلىرى تەدرىجىي رەڭدار چىرايلىق تۈسكە كىرىپ تامامەن ئاتا - ئانىسىغا ئوخشىغان.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى