UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىنائۇتىلۇس قۇلۇلىسى

نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى سۇبتروپىك بەلۋاغ، تروپىك بەلۋاغنىڭ بىرقانچە يۈز مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىكى دېڭىز تېگىدە بىر خىل قەدىمكى ئىپتىدائىي ھايۋان − نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى (شاتۇتىسىمان قۇلۇلە) ياشايدۇ. ئۇ تېنىنىڭ ھاۋاخانىلىرىدىكى ھاۋانىڭ تارقىلىشىنى ئەركىن تەڭشەپ، تېنىنىڭ سۇغا چۆكۈش، سۇدا لەيلىشىنى تىزگىنلەيدۇ، يەنە ۋارونكىسىمان سۇ پۈركۈگۈچىگە تايىنىپ دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزدا خۇددى بىر تىرىك سۇ ئاستى كېمىسىگە ئوخشاش ئۈزىدۇ. نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى بىر خىل قەدىمكى يۇمشاق تەنلىك ھايۋان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر350 مىليون يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرى ئاران تۆت تۈر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ «تىرىك تاشقاتما» دېگەن نامى بار. نائۇتىلۇس قۇلۇلىسىنىڭ چىرايلىق ھەم قاتتىق سىرتقى قېپى بار، قېپىنىڭ سىرتىدا كۈل رەڭ بىلەن قىزىل رەڭ نۆۋەتلىشىپ جايلاشقان دولقۇنسىمان يول - يول سىزىقچىلىرى بار. قېپىنىڭ ئىچى پارقىراپ تۇرىدىغان ئاق مەرۋايىت قەۋىتى بولۇپ، بىر ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكە بولىدۇ. نائۇتىلۇس قۇلۇلىسىنىڭ يۇمشاق تېنى قېپىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئوڭ - سول سىممېترىك بولىدۇ. قېپىنىڭ مەركىزىدىن قېپىنىڭ ئاغزىغىچە يول - يول ئايرىغۇچى پەردىلەر بار بولۇپ، قېپىنىڭ ئىچىنى ئۆيگە ئوخشاش30 ھاۋاخانىغا بۆلۈۋېتىدۇ. تېنىنىڭ گۆشلۈك قىسمى قاپ ئېغىزىغا يېقىن بولغان ئەڭ سىرتقى تەرەپتىكى خانىگە جايلىشىدۇ. قالغان ھەرقايسى خانىلەر بوش تۇرىدۇ. ھاۋاخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەيچە يوللىرى ئارقىلىق ھاۋاخانىلىرىدىكى ھاۋانى تەڭشەپ، تېنىنىڭ چۆكۈش ۋە لەيلىشىنى تىزگىنلەيدۇ. نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمكى باش پۇتلۇقلار تۈرىدىكى ھايۋان بولۇپ، ئاغزىنىڭ ئەتراپى ۋە بېشىنىڭ ئىككى يېنىدا90 تال سەزگۈ قولى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى بىرلىشىپ ناھايىتى ئەتلىك بولۇپ قېلىنلىشىدۇ، ئۇنى گۆشلۈك تېنىنى قاپ ئىچىگە كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن قاپنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋاقتىدا سەزگۈ قوللىرىنىڭ ھەممىسى يېيىلىدۇ، دەم ئالغاندا سەزگۈ قوللىرىنى قېپى ئىچىگە يىغىشتۇرۇۋالىدۇ، قاراۋۇللۇق قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر - ئىككىسىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ئىككى پارچە مۇسكۇلنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان سۇ پۈركۈيدىغان ۋارونكا بولىدۇ. نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى ئادەتتە بىرقانچە يۈز مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز تېگىدە يېتىپ، سەزگۈ قوللىرى ئارقىلىق دېڭىز تېگىدە ئۆمىلەيدۇ ياكى مارجان خادا تاشلىرى ۋە تاغ جىنسلىرىغا يېپىشىۋالىدۇ، بەزىدە ۋارونكىسى بىلەن سۇ پۈركۈپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرىدۇ. بولۇپمۇ بوران - چاپقۇنلۇق يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى دېڭىز دولقۇنلىرى تىنچلانغان كېچىلىرى دېڭىز يۈزىدە توپ - توپ بولۇپ لەيلەپ يۈرىدۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە دېڭىز تېگىگە قايتىپ چۈشىدۇ. نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى ئاساسەن سۇبتروپىك بەلۋاغ ۋە تروپىك بەلۋاغدىكى دېڭىزلارغا تارقالغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن ۋە نەنخەي ئاراللىرىغىمۇ تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى