UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىپەرۋانە

پەرۋانە

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھاشاراتلار ئىچىدە پەرۋانە كېپىنەك بىلەن ئاچا - سىڭىل بولۇپ، تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتى، غەيرىي تومۇرلۇقلار كەنجى ئەترىتىگە تەۋە. پەرۋانە گەرچە كېپىنەكتەك چىرايلىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش ئۇسۇلى كېپىنەكلەردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. چىشى پەرۋانىنىڭ تېنىدە بىر خىل ئالاھىدە خىمىيىلىك ماددا، يەنى سىرتقى جىنسىي ھورمون بولىدۇ. چىشى پەرۋانە سىرتقى جىنسىي ھورموننى تارقىتىش ئارقىلىق، ئەركەك پەرۋانىنى يىراق يەرلەردىن جەلپ قىلىپ كېلىپ چېتىشىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر چىشى پورتېترىيە (ئۇسسۇلچى زەھەرلىك پەرۋانە) پەرۋانىسى1 .0 مىكروگرام سىرتقى جىنسىي ھورمون ئاجرىتىپ چىقارسىلا1 مىليون ئەركەك پەرۋانىنى جەلپ قىلىپ كېلەلەيدىكەن. ئەركەك پەرۋانىنىڭ پۇراپ سېزىش ئەزاسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان، ئۇلارنىڭ ئانتېننىسى كۆپىنچە پەيسىمان ياكى تارغاقسىمان بولىدۇ. سېزىشچانلىقى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك بىرنەچچە مولېكۇلىلىق ئۇچۇرنى سېزەلەيدۇ. بەزىلەر پورتېترىيە پەرۋانىسى ئۈستىدە مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرگەن: شامال سۈرئىتى سېكۇنتىغا100 سانتىمېتىر بولغاندا، ئەركەك پەرۋانە5 .4 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىشى پەرۋانىنىڭ سىرتقى جىنسىي ھورمونىغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرغان، لېكىن ئانتېننىسىنى ئۈزۈۋەتكەندە بۇ خىل ئىنكاستىن مەھرۇم قالغان. پەرۋانىنىڭ بۇ خىل پۇراق ئارقىلىق ھېسسىيات يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بىئولوگىيىدە «خىمىيىلىك ئالاقىلىشىش» دەپ ئاتىلىدۇ. پەرۋانە تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات بولۇپ، ئۆمرىدە تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت يېتىلىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. لىچىنكىسىنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ياشاش ئادىتى يېتىلگەن قۇرتقا تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئاز ساندىكى تۈرلەرنىڭ يېتىلگەن قۇرتى مېۋە شىرنىسىنى شورىغاندىن باشقا، كۆپ ساندىكى يېتىلگەن قۇرتلىرى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە زىيان سالمايدۇ، لىچىنكىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىرائەتكە، مېۋىلىك دەرەخلەرگە، ئورمانغا زىيان سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، پەرۋانىنىڭ «خىمىيىلىك ئالاقىلىشىش» ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن زىيانلىق پەرۋانىلەرنىڭ سىرتقى جىنسىي ھورمونىنى ئاجرىتىۋېلىپ ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ھەمدە سۈنئىي سىنتېزلاپ چىقىپ، ئەركەك پەرۋانىلەرنى جەلپ قىلىپ يوقاتماقتا. پەرۋانىلەر كۆپىنچە كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، يورۇق جايغا يىغىلىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا «پەرۋانىنىڭ ئۆزىنى ئوتقا ئېتىشى» دەيدىغان تەمسىل بار.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى