ئاق شۇڭقار
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئاق شۇڭقار ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى يىرتقۇچ قۇش، قانىتى ئۇزۇن، كۈچلۈك، ئۇچۇشى تېز، مىجەزى ۋەھشىي، تۇمشۇقى قىسقا، ئىلمەكسىمان، پۇت تىرناقلىرى ئۇزۇن، ئۇچى ئىلمەكسىمان، تۇمشۇقى بىلەن تىرنىقى ئوۋنى ناھايىتى تېزلا تىتىپ پارچىلىيالايدۇ، يۈكسەك دەرىجىدە تۇتۇپ يېيىش ماھارىتىگە ئىگە.
ئاق شۇڭقار كۆپىنچە دېڭىز بويىدىكى رايونلاردا ياشايدۇ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ ياۋا ئۆردەك قاتارلىق قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇ ئوۋنى بايقاپ قالسا توساتتىن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ قوغلاپ، كۈچلۈك ئالىقىنى بىلەن ئوۋنىڭ بېشىغا، دۈمبىسىگە قاتتىق ئۇرۇپ زەربە بېرىدۇ. ئوۋ ھوشىدىن كېتىپ ياكى ئۆلۈپ كېتىپ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن موللاق ئېتىپ چۈشكەندە، شۇڭقارمۇ تېز سۈرئەتتە تۆۋەن شۇڭغۇپ ئوۋنى يېرىم يولدا تۇتۇۋالىدۇ. ئۇنىڭ شۇڭغۇش سۈرئىتى سېكۇنتىغا80 ~100 مېتىر بولۇپ، خۇددى بىر چاققان ھۇجۇمچى ئايروپىلانغا ئوخشايدۇ.
ئاق شۇڭقار دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا يولۇچى (ساياھەتچى) قۇش، جەنۇبىي تەرىپىدە قىشلىمايدىغان پەسىل قۇشى (قىشلىق كۆچمەن قۇش) ھېسابلىنىدۇ. چۈجىسى قويۇق ئاق مامۇق پەي بىلەن پۈركەنگەن، تېنىنىڭ ئۈستى تەرىپى قارامتۇل قوڭۇر، تۆۋەن تەرىپىدە بويىغا سوزۇلغان گۈل سىزىقلىرى بولىدۇ. چۈجىسى ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى بىلەن40 كۈندىن كېيىن ئۇۋىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشايدۇ. چۈجىسى ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان ھامان ۋەھشىيلىك بىلەن تۇتۇپ يېيىش ئالاھىدە ماھارىتىگە ئىگە بولىدۇ. بىر جۈپ ئاق شۇڭقار ۋە ئۇنىڭ بىر ئۇۋا بالىسى بىر ياز پەسلىدە200 −300 دانە ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، شۇڭا ئوۋچىلار ئۇنى بېقىپ كۆندۈرۈپ، ئوۋچىلىقنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ پايدىلىنىدۇ.
يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ يەنە نۇرغۇن تۈرلىرى بار، مەسىلەن، مۈشۈكياپىلاق، قىزىل پاچاق لاچىن (جاغالماي)، تازقارا (تاز قوماي) قاتارلىقلار. ئاز ساندىكى چوڭ تىپتىكى تۈرلىرى قۇشلارنى، ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يېگەندىن باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى چاشقان يەيدۇ. يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ يەنە «ئوزۇقلۇق كۇمىلىچى» قۇسۇپ چىقىرىدىغان ئادىتى بار. قونغان يېرىدە ئارام ئالغاندا يۇتۇۋالغان چاشقان، قۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەزىم بولمايدىغان قالدۇقلىرى (مەسىلەن، سۆڭىكى، پەيلىرى قاتارلىقلار) نى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. يەنە نۇرغۇن خىل يىرتقۇچ قۇشلار ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنى يەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.