ئىپتىدائىي قۇش
ھايۋاناتلار دۇنياسى
قۇشلار قانداق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەن؟ بۇ ئىلىم - پەندىكى بىر قىيىن مەسىلە. قۇشلارنىڭ ئۇستىخىنى چۈرۈك ھەم ئاجىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسماندا ئۇچىدىغانلىقى ئۈچۈن تاشقاتما ھاسىل قىلىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئائىت تاشقاتما ماتېرىياللارمۇ كۆپ ئەمەس. دۇنيا بويىچە ئىپتىدائىي قۇش (بوۋىقۇش) نىڭ تاشقاتمىسىدىن ئاران بەش دانىسى بايقالدى.
ئىپتىدائىي قۇشنىڭ بۇ بەش دانە تاشقاتمىسىنىڭ ھەممىسى گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاك تاشلىق تاغ جىنسلىرى قاتلىمىدىن تېپىلغان. بۇ تاشقاتمىلارغا ھازىرغىچە150 مىليون يىل بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي قۇشنىڭ تاشقاتمىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. تاشقاتمىدا پەيلەرنىڭ ئىزى ئېنىق ھەمدە بىرلەمچى ئۇچۇش پەيلىرى ۋە ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرى ئايرىلغان، يەنە قۇيرۇق پەيلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ ئالدى پۇتى ئالاھىدىلىشىپ ئۇچىدىغان قاناتقا ئايلانغان، ئارقا پۇتىدا تۆت بارماق بولۇپ، ئۈچى ئالدىغا، بىرى ئارقىغا قاراپ تۇرىدۇ؛ ئوقۇرەك سۆڭەكلىرى بىرلىشىپ ئاچا سۆڭەككە ئايلانغان، دوۋسۇن سۆڭىكى ئارقىغا قاراپ ئۇزارغان. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ھازىرقى زاماندىكى قۇشلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. لېكىن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇنىڭ ئاغزىدا چىشلىرى، قانىتىنىڭ ئۇچىدا ئۈچ تالدىن تىرنىقى بار؛ ئالىقان سۆڭەكلىرى بىلەن پەنجى سۆڭەكلىرىنىڭ ھەممىسى ئايرىلىپ تۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان ئايرىلىپ تۇرىدىغان قۇيرۇق ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۇزۇن قۇيرۇقى بار، بۇ ئالاھىدىلىكلىرى يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭكىگە ئىنتايىن ئوخشايدۇ. تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ قۇشلارغا تەرەققىي قىلىپ ئۆتۈشىدىكى ئارىلىق باسقۇچتىكى ۋەكىلى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، شۇڭا «ئىپتىدائىي قۇش (بوۋىقۇش)» دەپ ئاتالدى.
ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئىپتىدائىي قۇشنىڭ ئەڭ ئاستا ئۇچۇش سۈرئىتى سېكۇنتىغا6 .7 مېتىر، ئۇ قانىتىنى كېرىپ ئۇچالىغان بىلەن ئۇزاققا بارالمايتتى. ئىپتىدائىي قۇش قانداق قىلىپ قۇرۇقلۇقتا ياشاشتىن ئۇچۇپ ياشاشقا ئۆزگەرگەن؟ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىككى خىل قاراش بار. بىرى، ئىپتىدائىي قۇشلار دەرەخقە يامىشىپ ياشاپ تەدرىجىي تۈردە قىسقا مۇساپىگە سىيرىلىپ ئۇچۇشقا ئۆتكەن، ئۇنىڭدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇشقا ئۆزگەرگەن، دېگەن قاراش؛ يەنە بىرى، ئىپتىدائىي قۇشلار ئىككى پۇتى بىلەن يۈگۈرەيدىغان ھايۋان بولۇپ، ئالدى پۇتىنى تور قىلىپ كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيتتى، ئالدى پۇتى يۈگۈرۈشكە ياردەم بېرىش جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ قاناتقا ئايلانغان، دېگەن قاراش.
ئىپتىدائىي قۇش گەرچە پەقەتلا تاشقاتما سۈپىتىدە بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە قۇشلارنىڭ ئەجدادى (بوۋىقۇش) دەپ تونۇلدى.