قۇيرۇق بۇغا
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە بۇغا ئەڭ كۆپ تارقالغان دۆلەت بولۇپ، قانداغاي، شىمال بۇغىسى، قارا بۇغا ۋە ئىپار كېيىكى قاتارلىق16 −17 تۈرى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىكى ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغا (ئىلافۇرۇس بۇغىسى). سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ مۈڭگۈزى بۇغىنىڭكىگە ئوخشىغاندەك قىلغان بىلەن، بۇغا ئەمەس؛ بوينى تۆگىنىڭكىگە ئوخشايدىغاندەك قىلغان بىلەن، تۆگە ئەمەس؛ تۇيىقى كالىنىڭكىگە ئوخشايدىغاندەك قىلغان بىلەن، كالا ئەمەس؛ قۇيرۇقى ئېشەكنىڭكىگە ئوخشايدىغاندەك قىلغان بىلەن، ئېشەك ئەمەس، دېمەك، ھېچقايسىسىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، «تۆت ئوخشىماس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ ئەسلىي ماكانى دۆلىتىمىزنىڭ خۇاڭخې دەريا ۋادىسى، ئۇ بىر خىل چۆپخور سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئەركەك بۇغىنىڭ مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى1 ~3 مېتىر، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى2 مېتىردىن ئارتۇق، ئېغىرلىقى200 كىلوگرام ئۆپچۆرىسىدە. بېشىدا ئۇزۇنلۇقى80 سانتىمېتىر كىلىدىغان مۈڭگۈزى بار، مۈڭگۈزىنى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرىدۇ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ75 سانتىمېتىر بولۇپ، بۇغىلار ئىچىدە قۇيرۇقى ئەڭ ئۇزۇنى ھېسابلىنىدۇ. چىشى بۇغىنىڭ مۈڭگۈزى يوق، جۇغى كىچىك، ئېغىرلىقى100 كىلوگرام ئەتراپىدا، قۇيرۇقى60 سانتىمېتىر. ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ تۇيىقى كەڭ، ھەرىكىتى چاققان، چەبدەس، سۇ ئوتلىرى مول بولىدىغان سازلىقلاردا ۋە دەريا، كۆل بويىلىرىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار دائىم سۇدا ئۆرە تۇرىدۇ، سۇ كېچىدۇ، سۇ ئۈزىدۇ، سۇغا چۆكىدۇ ۋە سۇدىن يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، ھەتتا سوغۇق قىش پەسلىدىمۇ شۇنداق. ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ يازلىق يۇڭلىرى قىزغۇچ قوڭۇر بولىدۇ، قىش پەسلىدە تۈك تاشلىغاندىن كېيىن قوڭۇر كۈل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۇلارنىڭ مىجەزى ئادەتتە ياۋاش بولىدۇ. لېكىن، يازنىڭ ئاخىرلىرى كۈزنىڭ باشلىرىدىكى كۈيلەش مەزگىلىدە ئەركەك ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ مىجەزى ھەددى - ھېسابسىز ۋەھشىي، ئۇرۇشقاق بولۇپ كېتىدۇ. كۆپىنچە جورا تالىشىپ كەسكىن جەڭ قىلىپ، ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش يۈز بېرىدۇ.
ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش ئىقتىدارى ناھايىتى تۆۋەن، چىشى بۇغىنىڭ بوغاز بولۇش مەزگىلى باشقا بۇغىلارنىڭكىدىن ئۇزۇن بولۇپ، توققۇز يېرىم ئايدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بىر قېتىمدا ئاران بىرنى تۇغىدۇ. بۇغا موزىيى ئىككى ياشقا تولغاندا مۈڭگۈزى چىقىپ ئاچىلىنىدۇ. ئالتە ياشقا تولغاندا مۈڭگۈزىنىڭ ئاچىلىنىشى تاماملىنىدۇ، ئۆمرى ئادەتتە تەخمىنەن20 يىل بولىدۇ.
ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى رىۋايەتلەر بىلەن تولغان. ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە،3000 نەچچە يىل بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىملىرىدا ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغا ياشىغانىكەن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي ئازىيىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەنىكەن.1865 - يىلىغا كەلگەندە فرانسىيىلىك دىن تارقاتقۇچى پوپ ئارجېد. داۋىد بىرىنچى بولۇپ بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى ئوۋچىلىق مەيدانى «نەنخەيزى ئوۋچىلىق بېغى» دا120 تۇياق ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنى بايقىغان ھەمدە ماقالە يېزىپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ بىئولوگىيە ئالىملىرى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ نەچچە ئون تۇياق ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنى ئوغرىلاپ كېتىپ، لوندون، پارىژ ۋە بېرلىن قاتارلىق شەھەرلەردىكى ھايۋانات باغچىلىرىدا كۆرگەزمە قىلغان.1900 - يىلى «سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى» بېيجىڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە نەنيۈەن باغچىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر توپ ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغا ئېچىنىشلىق تەقدىرگە يولۇقۇپ، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، بەزىلىرى غەربكە بارىدىغان پاراخوتقا سېلىنىپ، ۋەتىنىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، يات يۇرتلارغا سەرگەردان بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ نەسلى تامامەن قۇرۇغان.
كېيىن، چەت ئەلگە سەرگەردان بولۇپ كەتكەن ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىلار ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىپ، پەقەت ئەنگلىيىلىك كىنەز بېفوتنىڭ شەخسىي داچىسىنىڭ ئۇبانس ھايۋانات باغچىسىدا بېقىلىۋاتقان18 تۇياقنىڭ ياشىشى ياخشى بولۇپ، تېز كۆپەيگەن.1967 - يىلىغا كەلگەندە400 تۇياققا يەتكەن ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيادىكى ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ ئومۇمىي سانى1000 تۇياقتىن ئاشتى.1956
- يىلى ۋە1973 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون زوئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى دوستلۇقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزگە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ تۆت جۈپ ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغا تەقدىم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆز يۇرتىدىن يېرىم ئەسىر ئايرىلغان ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغا ئاخىر ئۆز يۇرتىغا قايتتى ھەمدە كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرماقتا