شاتۇر قۇش
ھايۋاناتلار دۇنياسى
شاتۇر قۇش (ئاۋسترالىيە تۆگىقۇشى) ئاۋسترالىيىگە ئالاھىدە تارقالغان چوڭ تىپتىكى قۇشلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئوكيانىيىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئالغان يۈگۈرۈك قۇشلار خىلىدىكى ھايۋان. ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت گېربىنىڭ سول تەرىپىدە بىر چوڭ كېنگۇرۇنىڭ رەسىمى، ئوڭ تەرىپىدە بىر شاتۇر قۇشنىڭ رەسىمى بار.
شاتۇر قۇش ئاۋسترالىيە تۆگىقۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بويۇن قىسمى تۆگىقۇشنىڭكىدەك يالىڭاچ بولماستىن، پۈتۈن تېنى كۈل رەڭ، قوڭۇر ئارىلىشىپ جايلاشقان تىۋىت بىلەن قاپلانغان، پەي شەكىللەندۈرمىگەن. شاتۇر قۇشنىڭ قاناتلىرى رودىمېنتلاشقان بولۇپ، ئۇچالمايدۇ، ئەمما بىر جۈپ ئۇزۇن شاتۇر پۇتى بار بولۇپ، يۈگۈرۈشكە ماھىر، سائەتلىك سۈرئىتى60 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ يەنە سۇ ئۈزەلەيدۇ. شاتۇر قۇش ھازىر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىككىنچى چوڭ قۇش بولۇپ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئېگىزلىكى5 .1 مېتىر كېلىدۇ.
شاتۇر قۇشنىڭ تۇرقى كېلەڭسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇخۇم بېسىش ۋاقتىدا ئۇدا50 كۈن ھېچنېمە يېمەيدۇ، ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەسلىدە شاتۇر قۇش تۇخۇم باسۇرۇشتىن ئىلگىرى تېنىگە مايلارنى كۆپلەپ زاپاس ساقلايدىغان بولغاچقا، تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق سەرپىياتىنى يېتەرلىك تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.
شاتۇر قۇشنىڭ تۇخۇم باسۇرۇش ئىشىنى ئەركەك قۇش ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تۇخۇمنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا تايىنىپ باسۇرىدۇ. چۈجىلىرى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئاتا بولغۇچى ئۇلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. مۇبادا چۈجىلىرى سىرتقا چىقسا ئەركەك قۇش ھەددى - ھېسابسىز ۋەھشىيلىشىپ كېتىدۇ، چۈجىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تاجاۋۇز قىلغۇچىغا جېنىنى تىكىپ قويۇپ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئادەم ياكى ھايۋان چۈجىگە يېقىنلاشماقچى بولسا، ئۇ يوغان پۇتلىرى ۋە ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن تاجاۋۇز قىلغۇچىغا تاقابىل تۇرىدۇ.
شاتۇر قۇش ئادەتتە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئاندا - ساندا ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ، دائىم بەش - ئالتىسى بىر توپ بولۇپ «بىر ئەر، بىر خوتۇن» لۇق ھايات كەچۈرىدۇ. كۈز پەسلى شاتۇر قۇشنىڭ ئۇۋا ياساپ، تۇخۇم تۇغۇپ، تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلى. چىشى قۇش ھەر ئۇۋىغا7 ~11 تال تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئادەتتىكى توخۇ تۇخۇمىنىڭ15 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. تۇخۇم شاكىلى قارا يېشىل رەڭلىك بولۇپ ناھايىتى چىرايلىق.