لايخور بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
لايخور بېلىق (لاييېگەك) تاتلىق سۇدا سۇ ئاستىدا ياشايدىغان بىر خىل كىچىك بېلىق. ھەر يىلى قىش پەسلىدە سۇ تېگىدىكى پاتقاقنى چوڭقۇر تېشىپ كىرىپ ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلاپ قاتتىق سوغۇقتىن ئۆتۈۋالىدۇ.
لايخور بېلىقنىڭ جۇغى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بەك چىداملىق، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك، ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەن، سۈيىنىڭ سۈپىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ناچار مۇھىتتىمۇ ياشىيالايدۇ، ھەتتا قۇرغاق پەسىلدە سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قۇرۇپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ لاي ئىچىگە كىرىۋېلىپ ياشاۋېرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، لايخور بېلىقنىڭ نەپەسلىنىش ئۇسۇلى ئالاھىدە بولۇپ، باشقا بېلىقلارغا ئوخشاش ژابراسى ئارقىلىق سۇدىكى ئوكسىگېننى سۈمۈرگەندىن سىرت، يەنە ئۈچىيى بىلەن نەپەسلىنىش ئارقىلىق ھاۋادىكى ئوكسىگېننى بىۋاسىتە قوبۇل قىلالايدۇ. لايخور بېلىق ئادەتتە سۇ تېگىدىكى پاتقاقتا ياشايدۇ، سۇدىكى ئوكسىگېن مىقدارى ئازايغاندا، ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپ، بېشىنى ھەدەپ سۇ يۈزىدىن چىقىرىپ ئاغزى بىلەن ھاۋا سۈمۈرىدۇ. لايخور بېلىقنىڭ ئۈچەي يولى بىرقەدەر تۈز، ئۈچەي دىۋارى ناھايىتى نېپىز بولىدۇ. ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان قىل قان تومۇرلار تارقالغان بولۇپ، گاز ئالماشتۇرالايدۇ، ھاۋا ئۈچەي يولىدىن ئۆتكەندە، ئوكسىگېننى سۈمۈرۈۋېلىپ، باشقا كېرەكسىز گازلارنى مەقئەت تۆشۈكى ئارقىلىق چىقىرىۋېتىدۇ.
لايخور بېلىق قۇمخور بېلىق، (كوبىت بېلىقى)، ھەقىقىي لايخور بېلىق، سېرىق لايخور بېلىق دەپ ئايرىلىدۇ. ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاتلىق سۇلارغا تارقالغان. كۆپىنچە شاللىق، كۆلچەك، ئېرىق - ئۆستەڭلەردىكى توختام سۇنىڭ تېگىدىكى پاتقاقتا ياشايدۇ. لەيلەپ ياشىغۇچى جانلىقلارنى، كىچىك تىپتىكى قاسىراقلىق ھايۋانلارنى يېيىشكە ئامراق، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇۋاقلىرى، يۈسۈن قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ. لايخور بېلىق ھەر يىلى4 ~8 - ئايلاردا كۆپىيىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ئىككى ياشلىق بولغاندىن كېيىن جىنسىي جەھەتتە يېتىلىپ تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. ئىندىۋىدى قانچىكى چوڭ بولسا، تۇغىدىغان تۇخۇم مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
لايخور بېلىقنىڭ گۆشى تەملىك، ئوزۇقلۇق مىقدارى، ئاقسىل مىقدارى مول، يەنە نۇرغۇن ۋىتامىنلار بولىدۇ ھەمدە دورىلىق قىممىتىمۇ بار، ئۇ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل سۇ مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.